سىزنىڭ ئاقساقاللىق رەت تەرتىپىڭىز ئون بىرىنچى ئورۇندا. بۇ جەمىيەتتە پەقەت ئون ئاقساقالنىڭلا ئورنى سىزدىن يوقىرى تۇرىدۇ.
- ئەگەر لوركاس پوتمىلنى ئۆلتۈرۋەتسەمچۇ؟ - دەپ سورىدىم مەن.
- ئۇنداقتا سىز بىرىنچى بولغان بولىسىز، جون كارتېر. ئەمما سىز بۇنداق شەرەپكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، پۈتۈن كوممېتىت ئەزالىرى لوركاس پوتمىل بىلەن دوئىلىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، ياكى بولمىسا ئۇ سىزگە ھۇجۇم قىلغاندا سىز ئۆزىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرسىڭىز ئاندىن ئەڭ يوقىرى ئورۇنغا رەسمى ئېرىشكەن بولىسىز.
مەن كۈلۈپ قويۇپ گەپنى باشقا ياققا يۈتكۈدۈم. مېنىڭ لوركاس پوتمىلنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىم يوق ، ساكلىقلارنىڭ ئاقساقىلى بولۇش خىيالىم تېخىمۇ يوق. مەن سولا ۋە دېكا تۇررېسقا ھەمراھ بولۇپ يىڭى تۇرالغۇ ئىزدىدۇق ۋە ئاخىرىدا بىر بىنانى تاللىۋالدۇق. بۇرۇنقىغا سىلىشتۇرغاندا بۇ بىنا تىخىمۇ كۆركەم ئىدى. بىز بىنانىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە ھۇجرا تاپتۇق. ھۇجرىنىڭ ئىچىدە نەپىس ئۇيۇپ ياسالغان قەدىمى مېتال كارىۋات يوغان ئالتۇن زەنجىر بىلەن مەرمەردىن ياسالغان تورىسقا ئىسىلىپ تۇراتتى. تاملارنىڭ بىزىلىشىمۇ ئىنتايىن كۆركەم ئىدى. باشقا جايلاردا كۆرگىنىمگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تام رەسىملىرىگە ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن رەسىمى سىزىلغان ئىكەن. رەسىمدىكى ئوبرازلار يەر شارى ئادەملىرىگە ناھايىتى ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى دېكا تۇررېسنىڭكىدىن كۆپ سۇس، ئۇچىسىغا لەپىلدەپ تۇرىدىغان يەكتەك كەيگەن، قىممەتلىك ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى تاقىغان، ئالتۇنرەڭ ياكى قىزغۇچ رەڭ چاچلىرىدىن نۇر يىنىپ تۇراتتى، ساقال - بۇرۇت قويمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكىلىرى يەنە يېنىغا قۇرال ئېسۋىلىشقان ئىدى. پۈتكۈل رەسىمدىكى ئوبرازلار دەل بىر توپ ئالتۇن چاچلىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئوبرازى ئىدى.
دېكا توررېسنىڭ كۆزلىرى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلانغان يۈكسەك مەدەنىيەتلىك كىشىلەر سىزغان بۇ نەپىس سەنئەت ئەسەرلىرىگە مىقتەك قادىلىپ، ئىختىيارسىز ئاپىرىن ئېيتىپ ئۇلۇق كىچىك تىنىپ قويدى. سولادا بولسا ھىچقانداق ئىنكاس يوق ئىدى.
بىز تۇررېسنىڭ مۇشۇ ئۆيدە تۇرىشىنى قارار قىلدۇق. ئۆي ئىككىنچى قەۋەتتە بولۇپ مەيداننى كۆرگىلى بولاتتى. يانداش ئۆينى ئاشخانا قىلىش ۋە نەرسە - كېرەكلەرنى قويۇشقا بىكىتتۇق. ئاندىن مەن سولاغا كارۋات لازىمەتلىكلىرىنى، يىمەكلىك ۋە جابدۇقلارنى ئېلىپ كىلىشىنى بۇيرۇدۇم. ئۇ كىلىشتىن بۇرۇن تۇررىسقا قاراپ تۇردىغانلىقىمنى ئېيتىم. سولا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن دېكا تۇررېس ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
- مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر سىز مەھبۇسنى تاشلاپ قويۇپ كارىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا ئونىڭ سىزگە ئەگىشىپ سىزنىڭ مۇھابىزەت قىلىشىڭىزنى قوبۇل قىلىش، ھەمدە سىزدىن بۇ كۈنلەردە تۈرلۈك ئازاپلاردىن خالاس قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا، سىزنىڭچە ئونىڭ قېچىپ كېتىش مەقسىدى يوقمۇ؟
- ناھايىتى توغرا دىدىڭىز،- دىدىم مەن جاۋاپ بېرىپ، - بىز بىللە بولساقلا ئاندىن قىچىپ كىتەلەيمىز.
- مەن سىزنىڭ تارس تاركاس دەيدىغان بىر رىتسارغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. شۇڭا سىزنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئورنىڭىزنى چۈشۈنىمەن. ئەمما، مېنىڭ چۈشۈنەلمىگىنىم سىز ئۆزىڭىزنى مەن بارسۇملۇق ئەمەس دېدىڭىز.
- ئۇنداقتا مىنىڭ ئەجداتىمنىڭ نامى بىلەن، - دىدى تۇررېس، - ماڭا قەيەردىن كەلگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ. سىز قارىماققا بىزنىڭ ئادەم، ئەمما ئوخشىمايدىغان يەرلىرىڭىز بار. سىز مىنىڭ تىلىمدا سۆزلەۋاتىسىز، ئەمما سىز تارس تاركاسقا بۇ تىلنى يىقىندىلا ئۈگەندىم دىدىڭىز. مۇز قاتلىمى ئوراپ تۇرغان جەنوبى قۇتۇپتىن تاكى ئاق قار، كۆك مۇزلۇق شىمالىي قۇتۇپقىچە بارلىق بارسۇملۇقلارنىڭ يىزىقىدا ئازاراق پەرىق بولغاندىن سىرت ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل تىلدا سۆزلەيدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پەقەت يىس دەرياسى قويۇلىدىغان، ھازىر قايتا مەۋجۇت بولمىغان كىروس دېڭىزىدىكى تور جىلغىسىدىلا ئوخشىمايدىغان بىر خىل تىل بار ئىكەن. بۇرۇنقىلارنىڭ رىۋايەتلىرىدىن باشقا، بارسۇملۇقلارنىڭ تور جىلغىسىدىكى كىروس دېڭىزىدىن يىس دەرياسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ھىچقانداق خاتىرە يوق. ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ يەردىن كەلگەنلىكىنى دىمەڭ. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بارسۇمدىكى ھەرقانداق بىر ئادەم سىزنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. ماڭا ئۇنداق ئەمەس، دەڭ.
ئونىڭ كۆزىدە ئەجەپلىنىش ۋە چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىرخىل نۇر ئەكس ئەتتى. ئاۋازىدىن ئۈتۈنۈش مەنىسى چىقىپ تۇراتتى. ئو ئىككى قولىنى كۆكرىكىمگە ئۇزۇتۇپ چىڭ باستى. خۇددى يۈرۈكۈمدىن ئۆزى ئېيتقان، ئۇ ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۇئاللارنىڭ ئىنكار قىلىش جاۋابىنى ئىزلەۋاتقاندەك.
- مەن سىلەرنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىڭلارنى چۈشەنمەيمەن، دېكا تۇررېس، ئەمما بىزنىڭ ۋىرگىنىيىدە ئەزىمەت ھەرگىز، ھەرقاچان ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىمەيدۇ. مەن تور جىلغىسىدىن كەلمىدىم، شۇنداقلا سىرلىق يىس دەرياسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. ئاللىبۇرۇن يوقالغان كىروس دېڭىزى توغرۇلۇقمۇ ھىچنىمە بىلمەيمەن. سىز ئىشىنەمسىز؟
مەن تۇيۇقسىز ئونىڭدىن مەجبورىي ئىشىنىشىنى ئۈمۈد قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداق ئويلاۋاتقانلىقىغا پەرۋاسىز قارايمەن؟ مەن ئونىڭغا دىققەت قىلدىم، ئونىڭ ئازراق كۆتۈرلۈپ تۇرغان يۈزىگە ۋە قەلبىدىكىنى ئىپادىلەپ تۇرغان بىر جۈپ سىھىرلىك كۆزىگە دىققەت قىلدىم. بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى، شۇ پەيتتە مەن تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ئىختىيارسىز لەرزىگە كەلگەنلىكىنى سەزدىم. ئۇمۇ ئوخشاش ھىسىياتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلۇق كىچىك تىنىپ قويۇپ قولىنى تارتىۋالدى. چىرايلىق يۈزىنى كۆتۈرۈپ سەمىيمىلىك بىلەن ئاستا:
- مەن سىزگە ئىشىنىمەن، جون كارتېر . مەن باتۇر دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن، ۋېرگىنىيە دىگەننىمۇ ئاڭلىمىغان. ئەمما بارسۇمدا ئەرلەر ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيدۇ. ئەگەر راست گەپ قىلىشنى خالىمىسا سۈكۈت قىلىدۇ. جون كارتېر، ۋىرگىنىيە دىگەن دۆلەت قەيەردە؟- دەپ سورىدى.
گۈزەل يۇرتۇمنىڭ ئىسمىنى ئونىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىمدا مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ يىقىملىق سۆز بولمىسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
- مەن يەنە بىر دۇنيادىن كەلدىم،- دىدىم جاۋاپ بېرىپ، - ئۇ چوڭ پىلانت يەر شارى. ئۇمۇ بىز بىلەن بىللە قۇياشنى ئايلىنىدۇ. ئونىڭ ئوربىتىسى يەر شارىلىقلار مارس دەپ ئاتايدىغان مانا مۇشۇ بارسۇم پىلانتىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ ئىچىكى تەرپىدە. مەن سىزگە ئۆزەمنىڭ قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كىلىپ قالغانلىقىمنى دەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى ھازىرغىچە ئۆزەمگىمۇ ئىنىق ئەمەس. ئەمما بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنمەن، دېكا توررېس ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايمەن، ئۆزەمنىڭ بۇ يەردىلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.
خېلى ۋاقىتقىچە ئۇ ماڭا شۈبھىلىنىپ تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى. كۆزىدە خاتىرجەمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈندى. ماڭا ناھايىتى ئىنىقكى، مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشىنىش ئىنتايىن قىيىن. چۈنكى مېنىڭ يەر شارىدىن مارسقا قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بەك تەس. گەرچە مەن ئونىڭ ئىشىنىشى ۋە چۈشۈنىشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان بولساممۇ ئۇنى مەجبورلاشقا ئامالسىزمەن. شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ ئۆتمۈشىنى ئېيتىپ بىرىشنىمۇ ئانچە خالىمايمەن. ئەمما كۆزۈم ئونىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ھەرقانداق قۇدرەتلىك بىر ئەرنىڭمۇ ئونىڭ ئەڭ كىچىك تەلىپىنى رەت قىلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى سەزدىم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N