مارسلىقلارنىڭ بىر ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار باشقىلارنىڭ تەپەككۈرىنى مۇتلەق كونترول قىلالايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىگە توغرا قوماندانلىق قىلالايدۇ.
مەن تۇرۋاتقان بىنانىڭ ئىچىدە بىر دانە ئوكسىگىن ياساش ماشىنىسى بار ئىكەن. دەل مۇشۇ ئادەملەر ئوكسىگىن ياساپ، ئاتمۇسفىرا قەۋىتى شەكىللەندۈرۈپ مارستىكى ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۋاتقان ئىكەن. مەن پۈتكۈل ئوكسىگىن ياساش جەريانىنىڭ سىرىنىڭ دەل ھىلقى ئادەمنىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان بىزىكىدىكى تاش چىقارغان توققۇز خىل نۇر دەستىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. بۇ نۇر دەستىلىرى بىزەك بۇيۇمنى بىنانىڭ ئۈگزىسىدىكى نازۇك ئەسۋاپقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قوياش نۇرىدىن ئايرىپ چىقىرىلدىكەن. بىنانىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى مۇشۇ نۇر دەستىسىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلدىكەن. ئاندىن بۇ نۇر دەستىسى ئېلېكتىرلىك بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كىيىن، ئىنىق قىلىپ ئېيتقاندا بەلگىلىك نىسبەتتىكى سۈزۈك ئېلېكتىر تەۋرىنىشى بىلەن ئۆزئارا ئارلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن بارسومدىكى ئاساسلىق بەش ئوكسىگىن مەركىزىگە توشۇلۇپ، ئۇيەردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن قوياش نۇرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئاتمۇسفۇراغا ئايلىنىدىكەن.
بۇ غايەت زور بىنانىڭ ئىچىدە ھەرۋاقت يىتەرلىك نۇر ساقلانغان بولۇپ بۇ زاپاس نۇر دەستىسى بىلەن مارس ئاتمۇسفىراسىنى ئون يىل تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئەنسىرەيدىغىنى يەتكۈزۈپ بىرىش پومپىسىنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئىكەن. ئۇ مېنى بىر ئىچكى بۆلۈمگە باشلاپ كىردى. مەن بۇ يەردە يىگىرمە دانە رادىي پومپىسىنى كۆردۈم. ھەربىر پومپا مارستىكى ھاياتلىقنى ئاتمۇسفىرا بىلەن تەمىنلەشكە يىتىدىكەن. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە قاراۋاتقانلىقىغا سەككىز يۈز يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پومپىلار ھەر كۈنى نۈۋەتلىشىپ ئايلىنىپ ھەر بىرى تەخمىنەن يەرشارىدىكى ۋاقت بۇيىچە يىگىرمە تۆت يېرىم سائەت خىزمەت قىلىدىكەن. بىر ياردەمچى ئۇنىڭ بىلەن نۈۋەتلىشىپ ماشىنىلارغا قارايدىكەن. يېرىم مارس يىلىدا ئىككى ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىرى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بۇ غايەت زور سىختا تەنھا ھالدا يەر شارى ۋاقىتى بۇيىچە 844 كۈننى ئۆتكۈزىدىكەن.
ھەربىر قىزىل تەنلىك بۇۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئاتمۇسفىرا ھاسىل قىلىشنى ئۆگۈنىدىكەن. ئەمما بەلگىلەنگەن ۋاقت يىتىپ كەلمىگۈچە ھىچكىم بىناغا قانداق كىرىشنىڭ سىرىنى بىلمەيدىكەن. بۇ بىنا ناھايىتى مەزمۇت بولۇپ تىمىنىڭ قىلىنلىقى بىر يۈز يىگىرمە فوت كىلىدىكەن. ئۆگزىسى بەش فوت قىلىنلىقتىكى ئەينەك بىلەن يىپىلغان بولۇپ كىمىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيەلىنەلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئەنسىرەيدىغىنى يىشىللارنىڭ ياكى غالجىرلاشقان قىزىللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش بولۇپ بارسومدىكى بارلىق جانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش - تۇرالماسلىقى بۇ زاۋۇتنىڭ ئايلىنىشىغا باغلىق ئىكەن.
مەن ئۇنىڭ تەپەككۈرىنى كۆزىتۋاتقاندا بىر غەيرى ئىشنى بايقىدىم. ئەسلى تامدىكى ئىشىكلەر ئۇنىڭ ھىسسىي ئالاقە بۇيرىقى بىلەن ئېچىلىدىكەن. ئىشىك قۇلۇپى ناھايىتى نازۇك ياسالغان بولۇپ، بىر قاتار تەپەككۈر دۇلقىنىنىڭ گۇرۇپىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان شىفىر ئارقىلىق ئېچىلىدىكەن. بۇ بايقاشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ قانداق گۇرۇپپىلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم. شۇڭا قەستەن بىلمەس بولۋىلىپ ئۇنىڭ ئىشىكنى ماڭا قانداق ئېچىپ بەرگەنلىكىنى سورىدىم. شۇ ھامان ئۇنىڭ كاللىسىدا توققۇز خىل مارس نوتا بەلگىسى پەيدا بولدى. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ سىر ئىكەنلىكىنى، ئېيتىپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا نوتىلارمۇ ناھايىتى تېزلا غايىپ بولدى.
شۇندىن كىيىن ئۇ خۇددى بۇ سىرنى ماڭا پاش قىلىپ قويغاندەك ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدە ئۆزگىرىش بولدى. گەرچە ماڭا ناھايىتى ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلۋاتقان بولسىمۇ ئەمما چىراي ئىپادىسى ۋە تەپەككۈرىدىن ئۇنىڭ خاۋاتىرلىنۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا بولاتتى.
كەچ كىرىش ئالدىدا ئۇ ماڭا يېقىن ئەتراپتىكى يېزا ئىگىلىك مەيدانىغا خەت يېزىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇ خەتنى كۆتۈرۈپ يىقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ئىزلىسەم ئۇلار ماڭا زودانگا شەھىرىگە بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇ شەھەرنىڭ ئوكسېگىن زاۋۇتىغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى دىدى.
- ئەمما سەن ھەرگىز ئۇلارغا خىرىئانغا بارىدىغانلىقىڭنى ئېيتما، چۈنكى ئۇلار ھازىر خىرىئان بىلەن ئۇرۇشۋاتىدۇ. مەن ھەم مېنىڭ ياردەمچىم ھىچقانداق دۆلەتكە تەۋە ئەمەس، بىز بارلىق بارسوملۇقلارغا ئورتاق تەۋە. مەن ئېلۋالغان بۇ سالاھىيەت بەلگىسى بىزنى قەيەرگىلا بارساق، قايسىلا دۆلەتكە قەدەم باسساق قىلچىلىك دەخل - تەرۈزگە ئۇچراتمايدۇ . ھەتتا يىشىللارنىڭ يېنىدىمۇ شۇنداق. گەرچە بىز يېشىل تەنلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى خالىمىساقمۇ، - دىدى ئۇ.
-ئەمدى خەيرىلىك كەچ دوستۇم، - دىدى ئۇ داۋاملىق، - خاتىرجەم ئۇخلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
گەرچە ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلغىنى بىلەن تەپەككۈرىدىن مېنى ئەزەلدىن بۇ يەرگە كىرگۈزگىسى يوقلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كەينىدىنلا يەنە مەن ئۇنىڭ مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلۋالدىم: قاراڭغۇلۇقتا ئۇ مىنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ ئۇزۇن بىر شەمشەرنى ماڭا سانجىدى ھەم كاللىسىدا «كەچۈرگىن، بۇ بارسومنىڭ بۇندىن كىيىنكى مەنپەئەتى ئۈچۈن» دىگەن سۆزلەر پەيدا بولدى. ئۇ ئىشىكنى يىپىپ چىقىپ كەتكەندە ئۇنىڭ تەپەككۈرىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ غايىپ بولدى. بۇ ماڭا ئىنتايىن غەيرى تۇيۇلدى. چۈنكى مەن تەپەككۈرنىڭ يەتكۈزۈلىشى توغرۇلۇق بىلىدىغىنىم ناھايىتى ئاز ئىدى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا قىچىپ كەتكىلى بولىدۇ؟ مەن ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلگەن ئىكەنمەن ئۇنى ئالدىن قول سىلىپ ئۆلتۈرۋەتسەم بولىدۇ. بىراق ئۇ ئۆلسە مەن قىچىپ ھىچ يەرگە بارالمايمەن. شۇنداقلا بۇ چوڭ زاۋۇتنىڭ توختىشىغا ئەگىشىپ مەنمۇ بۇ پىلانتتىكى باشقا بارلىق جانلىقلار بىلەن بىللە ھالاك بولىمەن، ئەگەر دېكا تۇررېس ھايات بولسا ئۇمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ. باشقىلارنىڭ نىمە بولىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ تۇررېسنى ئويلىغىنىمدا، مېنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۋىتىش نىيىتىمدىن دەرھال ياندىم.
مەن ئېھتىيات بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ۋۇلانى ئەگەشتۈردۈم. كاللامدا قاراملىق بىلەن بىر پىلان تۈزۈلدى. مەن بېرىپ يوغان ئىشىكلەرنى ئىزلەپ تىپىپ باشقۇرغۇچىنىڭ كاللىسىدا كۆرۈنگەن توققۇز خىل تەپەككۈر دولقۇنى ئارقىلىق غايەت زور قۇلۇپلارنى ئاچماقچى بولدۇم. بىر - بىرىگە تۇتاش كارىدورلاردىن ئۆتۈپ تەرەپ - تەرەپتىكى ئەگىرى - بۈگۈرى ئۈتۈشمە يولنى بويلاپ مىڭىپ ئاخىرىدا دەسلەپ كىرىپ تاماق يىگەن زالغا كىلىپ قالدىم. باشقۇرغۇچىنى كۆرمىدىم، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
مەن ئەمدىلا يۈرەكلىك بىلەن زالغا كىرەي دىگەن چاغدا كەينىمدىن يىنىك ماڭغان ئاياق تاۋۇشى ئاڭلىنىپ قالدى. شۇڭا دەرھال كەينىمگە چىكىنىپ كارىدورنىڭ قاراڭغۇ يېرىدە ئۆزەمنى دالدىغا ئالدىم. ۋۇلانى كەينىمگە يۇشۇرۇپ پەس بولۇپ ئولتۇردۇم.
بۇ چاغدا باشقۇرغۇچى ماڭا سۈركۈلۈپ دىگۈدەك ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ مەن كىرمەكچى بولغان ئۆيگە كىرىپ كىتۋاتقاندا قولىغا ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر شەمشەر كۆتۈرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ شەمشەرنى بىر پارچە تاشقا سۈركەپ بۆلەۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ كاللىسىدا ئالدى بىلەن يېرىم سائەت ۋاقت چىقىرىپ رادىي پومپىلىرىنى تەكشۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن مەن تۇرۋاتقان ئۆيگە كىلىپ مېنى جايلىۋەتمەكچى بولۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 38 39 40 41 42 43 44 45 46 47 48 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N