ئۇ زالدىن ئۆتۈپ توشۇغۇچى پومپا سىخىغا تۇتىشىدىغان يولدا غايىپ بولدى. مەن ئىھتىيات بىلەن تىمسىخلاپ يۈرۈپ يۇشۇرۇنچە چوڭ دەرۋازا ئالدىغا كەلدىم. بۇ مېنى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىپ تۇرىدىغان ئۈچ دەرۋازىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى بىرىنچىسى ئىدى.
غايەت زور قۇلۇپقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ بىردىنلا قۇلۇپقا ھىلقى توققۇز تەپەككۈر دولقىنىنى تارقاتتىم ھەم تاقەتسىزلىك ئىچىدە كۈتۈشكە باشلىدىم. چوڭ دەرۋازا ئاخىرى تەۋرىدى ۋە بىر چەتكە سۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ باشقا ئىشىكلەرمۇ مېنىڭ بۇيرىقىمدا بىر - بىرلەپ ئېچىلدى. ۋۇلا ئىككىمىز ئەركىنلىك ئۆز ئىختىيارىمىزدىكى قاراڭغۇلۇققا بىشىمىزچىلا كىرىپ كەتتۇق. شۇنىسى ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇ بىناغا كىرىش ئالدىدىكى ھالىمىزدىن ئانچە پەرقىلەنمەيتتى. بىز يەنىلا ئاچ قالغان ئىدۇق.
بىز بىنادىن ئۈن - تىنسىز ئايرىلىپ بىرىنچى تۆت كۇچا ئاغزىغا قاراپ ماڭدۇق. مەن ئاساسلىق غول يولغا تىزاراق يېتىپ بىرىشنى ئويلايتتىم. تاڭ سەھەردە مەن مەركىزى يولغا چىقتىم ھەم ئالدىمدا كۆرۈنگەن بىرىنچى قورشاۋ تامغا يىقىنلىشىپ ئۇ يەردە ئادەم بار - يوقلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئەتراپ بىتوندىن سېلىنغان پاكار بىنالار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ دەرۋازىسى پۇختا ھەم مۇستەھكەم ئىكەن. بىزنىڭ دەرۋازىنى ئېچىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىمىزدىن ھىچقانداق نەتىجە بولمىدى. مېنى قاتتىق ئۇيقۇ قىينايتتى. ئاخىرى ۋۇلانى يېنىمدا يىتىشقا بۇيرۇپ ئۆزەم بىشىمنى قويۇپلا ئۇيقىغا كەتتىم. قانچىلىك ئۆتتىكىن بىر چاغدا ۋۇلانىڭ چىرقىراق ئاۋازىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئېچىپ ئۈچ قىزىل تەنلىك مارسلىقنىڭ ئانچە يىراق بولمىغان يەردە تاللىق مىلتىقلىرىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
- مەندە قورال يوق، مەن سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار ئەمەس، - دىدىم مەن چۈشەندۈرۈپ، - مەن ئىلگىرى يىشىللارنىڭ ئەسىرى بولغان، ھازىر زودانگاغا بارماقچىمەن. ئىتىم ۋە مەن يىمەكلىك، دەملىشكە مۇھتاج. شۇنداقلا توغرا يۈلۈنىشنى بىلىشنى خالايمىز.
ئۇلار مىلتىقلىرىنى چۈشۈرۈپ خۇشال ھالدا يىتىپ كىلىشتى ھەم ئەنئەنىۋى ئۇسولى بۇيىچە سول قولىنى مۈرەمگە قويۇپ مەندىن ئەھۋال سورىدى. ئارقىدىن مەن ۋە مىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشۇمغا ئائىت بىر قاتار سۇئاللارنى سورىغاندىن كىيىن مېنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئۆيگە باشلاپ كىردى. ئۆي بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە تەۋە ئىكەن. ئەتىگەن مەن بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەككەنلىكىم يادىمغا يەتتى. ئۆينىڭ ئىچىگە ئۇشاق - چۈششەك نەرسىلەر ۋە دىھقانچىلىق سايمانلىرى قويۇلغانتى. ئۆي ئورمانلىقنىڭ دەل مەركىزىدە بولۇپ باشقا قىزىل تەنلىكلەرنىڭ ئۆيىگە ئوخشاش بۇ قۇرلۇشمۇ يوغان بىر مىتال تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىكەن. تۈۋرۈك يەر ئاستىغا كۈمۈلگەن سىلىندىر ئىچىدە يوقىرى - تۆۋەن ھەركەتلىنەلەيدىكەن. كېچىسى بىر قورۇلما ئارقىلىق زال ئىچىدىكى كىچىك رادىي ماتور بىلەن كونتىرول قىلىنىپ يەر يۈزىدىن قىرىق - ئەللىك فوت ئىگىزلىككە كۆتۈرۈپ قويۇلىدىكەن. قىزىللار تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىغا قورشاۋ چىتلاق ياساشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىكەن. شۇڭا كېچىسى بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۆينى يوقىرىغا كۆتۈرۈپ قويىدىكەن. سىرتقا چىقماقچى بولسا ئۇلار يەنە مەخپى ئۇسول بىلەن ئۆينىڭ سىرتىدىن ئۆينى بوشلىققا كۆتۈردىكەن ياكى چۈشۈرىدىكەن.
بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئايال ۋە بالىلىرى بىلەن مۇشۇ دىھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئوخشاش ئۈچ ئۆيدە تۇرىدىكەن. ئۇلار ھۆكۈمەت خادىملىرى بولغاچقا ھىچقايسىسى ئەمگەك قىلمايدىكەن. بۇ يەردىكى بارلىق جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ھەممىنى جىنايەتچىلەر، ئەسىرلەر، قەرزنى كەينىگە سۈرگەنلەر ۋە نامراتلىقىدىن قىزىللار ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك بويتاقلىق بېجىنى تاپشۇرالمىغان ئۈمۈرلۈك بويتاقلار قىلىدىكەن.
ئۇلار ناھايىتى قىزغىن مىھماندوست بولۇپ بىللە نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم. ياخشى كۈتۈلگەچكە تەن قوۋۋىتىممۇ تېز ئەسلىگە كەلدى. ئۇلار مېنىڭ كەچۈرمىشىمنى بىلگەندىن كىيىن(مەن بارلىق دېكا تۇررېس ۋە ئوكسىگېن زاۋۇتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دىمىدىم) قىزىللارغا ئوخشاش پۈتۈن بەدىنىمنى قىزىل رەڭگە بۇياپ ئاندىن زودانگاغا بېرىپ ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز ئارمىيىسىدىن بىر ۋەزىپە تىپىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
- سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز ھەم ئوردىدىكى يوقىرى تەبىقىدىكى ئاقسۈڭەكلەردىن دوست تۇتۇشىڭىز كېرەك. بولمىسا ئۇلارنىڭ ھىكايىڭىزغا ئىشىنىشى ئىنتايىن تەس. بۇنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش ھەربىيلىككە قاتنىشىش.
- بىز قىزىللارنىڭ بارسومدىكى جەڭ قىلىشقا ماھىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز لازىم، - دىدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى چۈشەندۈرۈپ، - پەقەت ئەسكەرلا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشەلەيدۇ.
مەن يولغا چىقىشقا تەييارلاندىم. ئۇلار ماڭا ئۆزلىرى بىقىپ كۆندۈرگەن بىر ھايۋاننى بەردى. قىزىللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھايۋاننى ئات ئورنىدا ئىشلىتىدىكەن. بۇ ھايۋاننىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئاتچىلىك بولۇپ، رايىش ئىدى. رەڭگى ۋە شەكىلى يوغان ھەم ۋەھشى ياۋا ئاتنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەن. ئاكا - ئۇكىلار ماڭا يەنە قىزىل رەڭلىك ماي بەردى. مەن ئۇنى پۈتۈن بەدىنىمگە سۈركەپ چىقتىم. ئۇلاردىن بىرى مېنىڭ ئۇزۇن ئۆسۈپ كەتكەن چېچىمنىڭ كەينىنى تەكشى قىلىپ ئىككى تەرپىنى ئۇزۇن قويۇپ قىزىللارنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ ياساپ قويدى. بۇنداق بولغاندا مەن قۇرامىغا يەتكەن قىزىل تەنلىككە ئوخشاش بارسومنىڭ ھەممە يېرىدە كېزىپ يۈرەلەيتتىم. ئۈستۈمدىكى بەلگىلەر زودانگالىقلارنىڭكىدەك شەكىلگە ئالماشتۇرۇلۇپ ئۈستىگە مېنى قۇتۇلدۇرۋالغان نىجاتكارىمنىڭ نامى - پۇتو دەپ يىزىپ قويۇلدى. ئۇلار يەنە يىنىمدىكى بىر كىچىك خالتىغا زودانگالىقلارنىڭ پۇلىنى توشقۇزۇپ قاچىلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ تەڭگىسى ئىللىپىس شەكىلدە ئىكەن. بۇ تەڭگىلەرنىڭ مارستىكى ئوبروتلىنىش شەكىلى يەر شارىدىكى بىلەن چوڭ پەرق قىلمايدىكەن. مۇبادا ئېھتىياجلىق بولغاندا شەخسلەرمۇ قەغەز پۇل تارقىتالايدىكەن. لېكىن قەغەز پۇلنى ھەر يىلى بىر قىتىم ھەق تۆلەپ قايتۇرۋالىدىكەن. ئەگەر شەخسلەر قايتۇرۋىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ۋاكالەتەن قەرزنى تولۇق تۆلەيدىكەن. ئاندىن قەرزدار چوقۇم ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى دىھقانچىلىق مەيدانى ياكى كانچىلىق رايونىدا ئەمگەك قىلىپ قەرزنى ئادا قىلىدىكەن. بۇ خىل ئۇسولدىن قەرزدارمۇ، كۆپچىلىكمۇ رازى بولىدىكەن. مارستا بۇنداق غايەت زور، سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن دىھقانچىلىق مەيدانلىرىغا يىتەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى تاپماق ناھايىتى تەس ئىكەن. بۇ تېرىلغۇ يەرلەر تار ھەم ئۇزۇن بەلباغقا ئوخشاش رەت - رىتى بۇيىچە ئىككى قۇتۇپ ئارلىقىغا تارقالغان ئىكەن. ئىچىدە تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ياۋا ئادەملەر ياشايدىكەن.
مەن ئۇلارنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغىنىمدا ئۇلار ماڭا تەسەللى بېرىپ ئەگەر بارسومدا ھاياتلا بولساڭ كىيىن يەنە پۇرسەت چىقىدۇ دىيىشتى. ئاندىن كىيىن مەن بىلەن خوشلىشىپ تاكى كەڭرى كەتكەن ئاق رەڭلىك يولدا غايىپ بولغىچە مەندىن كۆزىنى ئۈزمىدى.
يىگىرمە بىرىنچى باپ
زودانگانىڭ رازۋىتكا ئايرۇپىلانى
زۇدانگاغا بارىدىغان يولدا مەن نۇرغۇن غەلىتە ۋە قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇچراتتىم. مەن توختاپ ئۆتكەن بىر نەچچە دىھقان تۇرالغۇلىرىدا بارسوملۇقلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆرۈپ - ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى چۈشۈنىۋالدىم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N