مارستىكى دىھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ سۇ تەمىنلەش مەسىلىسى مۇنداق ھەل بولغان ئىكەن: مۇز چوققىسى ئېرىگەندىن كىيىن سۇنى ئىككى قۇتۇپتىكى غايەت زور يەر ئاستى سۇ ئامبىرىغا يىغىپ ئاندىن ئۇزۇن كەتكەن تۇربىلار بىلەن ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تارتىپ چىقىردىكەن. سۇ يولىنىڭ ئىككى تەرپىنى بويلاپ دىھقانچىلىق ئېتىزلىرى ئالدىغا قاراپ سوزۇلۇپ ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە بۆلۈنىدىكەن . ھەر بىر پارچە ئېتىزلىقنى بىر ياكى بىرنەچچە ھۆكۈمەت خادىمى باشقۇرىدىكەن. قۇرغاقچىلىق ، زىيادە ھۆل - يىغىن، بوران - چاپقۇن ۋە زىيانلىق ھاشارەتلەر ھەم زىرائەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قۇشلار بولمىغاچقا مارستىكى زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئوپمۇ - ئوخشاش ئۆسىدىكەن.
بۇ قىتىمقى سەپەردە يەرشارىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان تۇنجى قىتىم گۆشنىڭ تەمىنى، يەنى يېزا ئىگىلىك مەيدانىدا بېقىلغان ھايۋاندىن ئېلىنغان ئەتلىك قوۋۇرغىنى تېتىدىم. تەمى كوكۇ كالاغا ئوخشاپ كېتىدىغان مىۋە ۋە سەيلەردىن بەھر ئالدىم. شۇنىسى بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى يەرشارىدىكى يىمەكلىكلەرگە ئوخشىمايدىكەن. ھەربىر ئۈسۈملۈك ۋە ھايۋان ئۇزۇن مۇددەت ئىلمىي ئۇسولدا ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇلۇپ ئۆستۈرۈلگەچكە ھەم بىقىلغاچقا شۇنداق مۇكەممەل بولۇپ يەشارىدىكىگە قارىغاندا رەڭگى تۇتۇق ، تەمسىز بولىدىكەن. مەن يەنە بىر قىتىم توختىغاندا ئاقسۆڭەك قاتلىمىدىكى ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا خىرىئان توغرۇلۇق توختۇلۇپ ئۆتۈلدى. بىر ياشانغان كىشى نەچچە يىل بۇرۇن دىپلۇماتىيە ئىشلىرى بىلەن ئۇ يەرگە بارغانلىقىنى ھەم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مەڭگۈلۈك ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىلنى ئەپۇسلانغان ھالدا ئېيتىپ ئۆتتى.
- خىرىئاندا - دىدى ئۇ، - بارسومدىكى ئەڭ ساھىپجامال ئاياللار بار. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدە مورس كاجاكنىڭ قىزى دېكا تۇررېس ھەممىدىن گۈزەل، پەرىزاتنىڭ ئۆزى. زودانگا مۇشۇ مەلىكە ئۈچۈن خىرىئانغا جەڭ ئېلان قىلغان.
- ھەي، - دىدى ئۇ يەنە، - كىشىلەر ئۇنىڭ قەدىمى تەككەن تۇپراققىمۇ چوقۇنىشىدۇ. ئەمما مەلىكە بىر قىتىملىق يىراق سەپەرگە كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. ھازىر پۈتكۈل خىرىئان چەكسىز ئازاپقا چۆكتى. بىزنىڭ سەردارىمىز جەڭ ئىقتىدارىنى يوقاتقان خىرىئان كېمىلىرى خىرىئانغا قايتۋاتقاندا ھۇجۇم قىلمىدى، ئۇ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. قارىغاندا يەنىمۇ ئەقىللىق بىرى ئالماشسا بولىدىغان ئوخشايدۇ.
- ھازىر بىزنىڭ ھەربىي قىسىم خىرىئاننى ئوڭۇشلۇق قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ زودانگالىقلار بونىڭدىن رازى ئەمەس. چۈنكى بۇ ئادەتتىكى بىر مەيدان جەڭ ئەمەس، بۇ جەڭ ھوقۇق ۋە ئادالەتنى ئۆلچەم قىلمايدۇ. بىزنىڭ قىسىم خىرىئان كېمىلىرى مەلىكىنى ئىزدەشكە چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئىلۋالدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خىرىئان شەھىرى بارسومدىن ئەڭ يىراقتىكى ئاي بارسومنى نەچچە قىتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئىشغال قىلىنىدىكەن.
- ئۇنداقتا سىزنىڭچە مەلىكە دېكا تۇررېس قانداق تەغدىرگە مۇپتىلا بۇلار؟ - دىدىم مەن چاندۇرماي.
- ئۇ ئۆلدى، - دىدى ئۇ، - بۇ ئىشنى بىزنىڭ قىسىمنىڭ ئادەملىرى يېقىندا جەنوپ تەرەپتىن تۇتىۋالغان يېشىللارنىڭ بىر ئادىمىدىن ئۇقۇپتۇ. دېكا تۇررېس يەنە بىر دۇنيادىن كەلگەن غەلىتە مەخلۇق بىلەن ساكلارنىڭ قولىدىن قاچقاندا ۋارخۇنلۇقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئېتىنىڭ دېڭىز ئاستىدا مىڭىپ يۈرگەنلىكىنى، ئەتراپ قانلىق جەڭ ئالامەتلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.
گەرچە بۇ خەۋەر ئادەمنى ئارامسىزلاندۇرسىمۇ دېكا تۇررىسنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىسپات بولالمايتتى. شۇڭا مەن خىرىئانغا تېزاراق بېرىپ تاردوس مورسقا ئۇنىڭ نەۋرە قىزىنىڭ قولغا چۈشۈپ قىلىش ئەھۋالىنى بالدۇراراق يەتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم.
پۇتو ئاكا - ئۇكىلاردىن ئايرىلىپ ئون كۈن بولغاندا مەن زودانگاغا يىتىپ باردىم. مارستىكى قىزىل تەنلىك ئاھالىلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان ۋۇلا باشقىلارنىڭ ماڭا سوغۇق نەزىرى بىلەن قارىشىغا سەۋەپچى بولدى. چۈنكى بۇنداق غەلىتە مەخلۇقنى قىزىللار ئەزەلدىن كۆندۈرۈپ ئىشلىتىپ باقمىغان ھايۋان ئىكەن. يەر شارىدا ۋەھشى بىر شىرنى ئەگەشتۈرۈپ ئاۋات كوچىغا كىرىش بىلەن كىلىپ چىققان ئاقىۋەت قانداق بولسا، مېنىڭ ۋۇلانى ئەگشتۈرۈپ زودانگاغا كىرىشىمدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتمۇ ئۇنىڭدىن قىلىشمايتتى. شۇڭا ئۇنى كەتكۈزۋىتىشنى قارار قىلدىم.
سادىق ھەمراھىمدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ بەك ئەپسۇسلاندىم ھەم قاتتىق ئازاپلاندىم. مەن بۇ ئىشنى تاكى شەھەر دەرۋازىسىغا يىتىپ بارغۇچە كېچىكتۈرۈم. ئەمدى ئايرىلمىساق بولمايتتى. مۇبادا مېنىڭ بىخەتەرلىكىم ھەم خوشاللىقىمدىنمۇ مۇھىم نەرسە خەتەر ئىچىدە قالمىغان بولسا ھىچكىم مېنى ماڭا باشتىن - ئاخىر مىھرىبانلىق، سادىقلىق كۆرسۈتۈپ كىلۋاتقان ھايۋاننى بارسومغا تاشلاپ قويۇشقا قايىل قىلالمىغان بولاتتى. ئەمما مەن ھاياتىمنى مەلىكە تۇررېس ئۈچۈن ئاتاشقا رازى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا سىرلىق تۇيۇلۋاتقان بۇ شەھەردىكى يۇشۇرۇن خەتەر ئالدىدا مەلىكىنى داۋاملىق ئىزلەشكە تەييارلاندىم. مەن ھەتتا ۋۇلانىڭ سەۋەبىدىن بۇ قىتىمقى تەۋەككۈلچىلىكمنىڭ مەغلۇپ بولىشىغا يول قويمايتتىم شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋاقتلىق خۇشاللىقىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىشىنىمەنكى، ۋۇلا ناھايىتى تېزلا مېنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ.
مەن ئۇنىڭغا ئايرىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ماقۇل بولۇشىنى ئۆتۈندۈم ھەم بۇ قىتىمقى تەۋەككۈلچىلىكىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئامان قايتىپ كىلەلىسەم ئۇنى بىر ئامال قىلىپ تاپىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ قاراشتىن مېنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى. مەن بۇرۇلۇپ قولۇم بىلەن ساك تەرەپنى كۆرسەتكەن ۋاقتىمدا ئۇ ئازاپلانغان ھالدا يۈزىنى بۇراپ مىڭىپ كەتتى. مەنمۇ قىيالماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ زودانگاغا بورۇلۇپ سالماق قەدەملەر بىلەن خەتەرگە تولغان شەھەرگە يۈرۈپ كەتتىم.
مەن ئاكا - ئۇكىلار يېزىپ بەرگەن خەتنى كۆتۈرۈپ ئىگىز تاملار بىلەن قورشالغان چوڭ شەھەرگە تۇسالغۇسىزلا كىرىپ كەلدىم. بۇ ۋاقت تاڭ سەھەر بولۇپ كوچىلاردا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. تۇرالغۇ ئۆيلەر مېتال تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدە ئىگىز كۆتۈرلۈپ تۇراتتى. كۈتۈرلۈپ تۇرغان ئۆيلەر قاغا ئوۋۇسىغا ، تۈۋرۈكلەر مىتال دەرەخكە ئوخشاپ قالغانتى. پەقەت ماگىزىنلا يەردىن كۆتۈرلىمىگەن، ئىشىكلىرىمۇ سولانمىغان ئىدى. چۈنكى بارسومدا كىشىلەر ئوغۇرلۇقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىكەن. پۈتۈن بارسوملۇقلارنى ئەڭ قورقىتىدىغان ئىش قەستىلەپ ئۆلتۈرۈش بولۇپ، مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلى كېچىسى ياكى خەتەرلىك ۋاقتلاردا ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى يەردىن ئىگىز كۆتۈرلۈپ قويۇلدىكەن.
پۇتو ئاكا - ئۇكىلار قانداق قىلسام تۇرالغۇ تاپقىلى ھەم ھۆكۈمەت ئورگان ئىشخانىسىغا يىقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا ئىنىق، تەپسىلىي ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇلار بۇ ئورگانلارنىڭ تەپسىلاتىنى تەييارلاپ بەرگەن بولۇپ مەن بارىدىغان ئورۇن مەركىزىي مەيدانغا بىۋاستە تۇتىشاتتى. بۇ مارستىكى بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن.
زودانگانىڭ مەركىزى مەيدانى بىر كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى يەرنى ئىگەنلىگەن بولۇپ خان، ئاقساقاللار ۋە زودانگا كېنەز ئاقسۈڭەكلەرنىڭ خانىلىرى ئۆزئارا خوشنا سېلىنغان ھەم ئاساسلىق قۇرلۇش، قەھۋەخانا ۋە ماگزىنلار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىكەن.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 40 41 42 43 44 45 46 47 48 49 50 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N