مەن مەيداننى كېسىپ ئۆتۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە كاتتا ئىمارەتلەر ھەم كەڭ كەتكەن چىملىقتىكى ئۈسۈملۈكلەرنى كۆرۈپ ئىچىمدە ئاپىرىن ئېيتىۋاتقان ۋاقتتا بىر مارسلىقنىڭ مەن تەرەپكە كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ماڭا ئازاراقمۇ دىققەت قىلمىدى. ئەمما ئۇ مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتكەندە ئۇنى تۇنۇپ قالدىم. مەن ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك بىرنى ئۇرۇپ چاقىردىم:
- كائول، كانتوس كان
ئۇ چاقماق تېزلىكىدە بۇرۇلۇپ قولۇم چۈشۈپ بولغىچە ئۇزۇن شەمشىرىنى كۆكرىگىمگە تەڭلەپ ئۈلگۈردى.
- سەن كىم؟ - دىدى ئۇ ئاستا. مەن شەمشەردىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئەللىك فوتتەك يىراققا سەكرىگەن چاغدا ئۇ شەمشىرىنى چۈشۈرۈپ دىدى:
- بۇنىڭدىنمۇ ياخشى جاۋاپ بولمىسا كېرەك، بارسومدا پەقەت بىرلا ئادەم كاۋچۇك توپتەك سەكرىيەلەيدۇ. يىراقتىكى ئاي ئانام ئىسپات بولسۇن،جون كارتېر. سەن قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭ؟ تېرەڭنىڭ رەڭگىنىمۇ قىزىلغا بۇيىۋاپسەن.
- سەن مېنى راستىنلا قورقىتىۋەتتىڭ، دوستۇم، - دىدىم مەن. ئاندىن ۋارخۇندا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلغاندىن كىيىنكى سەرگۈزەشتەمنى سۆزلەپ بەردىم. سۆزىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دىدى:
- ئەگەر زودانگالىقلار مېنىڭ ئىسمىنى ۋە مەن تۇرۋاتقان شەھەرنى بىلىپ قالىدىغان بولسا مېنى مەن چەكسىز چوقىنىدىغان، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئەجداتلىرىم غايىپ بولغان كىروس دېڭىزىنىڭ قىرغىقىدا ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان بولاتتى. مەن خىرىئان خانى تاردوس مورسنىڭ بۇيرىقى بۇيىچە بۇ يەردە قولغا چۈشۈپ قالغان مەلىكە دېكا تۇررېسنى ئىزلەپ كەلدىم. زودانگا شاھزادىسى سابو سەيىن ئۇنى شەھەر ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرۈپ قاپتۇدەك. ئۇنىڭ دادىسى، زودانگانىڭ خانى سەيىن كوسىس ئۇنىڭ ئۆزى خالاپ ئوغلىغا ياتلىق بولۇشنى ئىككى دۆلەت تېچلىقىنىڭ شەرتى قىلماقچى بولۋىتىپتۇ. ئەمما تاردوس مورس بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ جاۋاپ بېرىپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خەلقى مەلىكىنىڭ ئۆلىمىنى كۆرۈشكە رازىكى ھەرگىز مەلىكىنىڭ ئۆزى سۆيمەيدىغان ئادەمگە ياتلىق بولۇشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭمۇ مۇھاسىرە ئىچىدىكى شەھەر بىلەن بىللە كۈيۈپ كەتسە مەيلىكى سەيىن كوسىس ئائىلىسى بىلەن ھەرگىز قۇدىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇنداق جاۋاپ بېرىش ئىنىقكى سەيىن كوسىس ۋە زودانگالىقلارغا قىلىنغان ئەڭ خەتەرلىك تەۋەككۈلچىلىك. ئەمما خەلق شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ قىزغىن سۈيىدۇ. بۈگۈنكى خىرىئان ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ قۇدرەتلىك.
- مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە ئۈچ كۈن بولدى، - دىدى كانتوس كان داۋاملىق، - ھازىرغىچە دېكا تۇررېسنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقىنى بىلەلمىدىم. بۈگۈن مەن زودانگا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ رازۋىتكا ئۇچقۇچىسىى بولۋالدىم. مەن بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن شاھزادە سابو سەيىننىڭ(دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇ قىسمىغا سابو سەيىن قۇماندانلىق قىلىدىكەن) ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ دېكا تۇررېسنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىشنى ئۈمۈد قىلۋاتىمەن. سىنىڭمۇ كەلگەنلىكىڭدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم، جون كارتېر، مەن سېنىڭ مەلىكىگە بولغان سەمىمىيىتىڭنى بىلىمەن، ئىككىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى، چۇقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنالايمىز.
بۇ چاغدا مەيداندا ئالدىراش خىزمەتكە ماڭغان كىشىلەر كۆپەيگىلى تۇردى. ماگزىنلار تىجارەت باشلىدى، قەھۋەخانىلارمۇ ئەتىگەنلىك مىھمانلار بىلەن لىق تولدى. كانتوس كان مېنى باشلاپ ماشىنا بىلەن كۆنترول قىلىندىغان چىرايلىق بىر مىھمانخانىغا ئەكىردى. بۇ يەردە خام يىمەكلىكنىڭ كىرىپ كىتىشىدىن تارتىپ ھور چىقىپ تۇرغان مەزىلىك يىمەكلىكنىڭ مىھمانلار ئالدىغا كىلىشىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا ماشىنا مەشغۇلات قىلىدىكەن. كىچىككىنە بىر ئېلېكتىر كۇنۇپكىسىنى بىسىپ قويسىلا بولىدىكەن.
مەن تامىقىمنى يەپ بولغاندىن كىيىن كانتوس كان مېنى باشلاپ بوشلۇقتىن رازۋىتكا قىلىش قىسمىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىغا باشلاپ كىرىپ باشلىقىغا مېنى تۇنۇشتۇردى ھەم مېنىمۇ بۇ قىسىمغا قاتناشتۇرۇشنى ئۆتۈندى. قائىدە بۇيىچە ئىمتىھان ئېلىندىكەن. كانتوس كان ئىمتىھاندىن غەم قىلماسلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئامالى بارلىقىنى ئېيتتى. نەتىجىدە ئۇ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش قەغىزىنى كۆتۈرۈپ ئىمتىھان ئالغۇچىنىڭ يېنىغا باردى ھەم جون كارتېر دىگەن ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى.
- بۇ ئۇيۇن كىيىن ھامان باشقىلار تەرپىدىن سىزىلىپ قالىدۇ، - دىدى ئۇ كۈلۈپ، - ئۇلار پەقەت مېنىڭ ئېغىرلىقىمنى، بەدەن قۇرلىشىمنى ۋە بەدىنىمدىكى باشقا ئەھۋاللارنى تەكشۈرىدۇ، ئەمما ئۇ نەچچە ئايدىن كىيىنكى ئىش، ئۇ چاغدا بىزنىڭ ۋەزىپىمىزنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئالىقاچان ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
كىيىنكى بىرنەچچە كۈندە كانتوس كان ماڭا مۇرەككەپ ئۇچۇش ماھارىتىنى ۋە ئۇچۇش قوراللىرىنى قانداق رىمونت قىلىشنى ئۈگەتتى. يەككە كىشىلىك ئايرۇپىلاننىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن ئاتمىش فوت ئۇزۇنلۇقتا، يىگىرمە فوت كەڭلىكتە بولۇپ قىپى ئىككى سۇڭ قىلىنلىقتا، ئىككى بىشى ئۇچلۇق ئىدى. ئايرۇپىلاننىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىدە ئۇچقۇچى ئولتۇردىغان ئورۇندۇق ئورنىتىلغان ئىكەن. ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا ئايرۇپىلاننى ھەركەتلەندۈردىغان ئەپلىك، ئاۋازسىز رادىي ماتورى ئورنىتىلغان ئىكەن. ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئايرۇپىلان گەۋدىسىنىڭ نېپىز مېتال دىۋارى ئىچىدە يەتكۈزۈلدىكەن. ئۇ بارسومدىكى سەككىزىنچى نۇر ياكى ئۇنىڭ رولى بۇيىچە ئېيتقاندا ھەركەتلەندۈرگۈچ نۇر دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن. توققۇزىنچى نۇر دەستىسىگە ئوخشاش بۇ نۇرنىمۇ يەر شارىدىكى ئىنسانلار تېخى بىلمەيتتى. ئەمما مارسلىقلار قۇياشنىڭ سەككىزىنچى نۇرى قۇياش يورۇقلىقىنى ھەرقايسى پىلانتلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەم ھەرقايسى پىلانتلارنىڭ سەككىزىنچى نۇرى ئېرىشكەن يورۇقلۇقنى ئەكسىگە قايتۇردىغانلىقىنى ياكى بوشلۇققا قايتا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن. قۇياشنىڭ سەككىزىنچى نۇرى بارسومنىڭ سىرتقى قاتلىمى تەرپىدىن سۈمۈرۈلدىكەن. لېكىن بارسومنىڭ سەككىزىنچى نۇرى(بۇ سەككىزىنچى نۇر يورۇقلىقنى مارستىن بوشلۇققا يەتكۈزىدۇ) بۇ پىلانتتىن ئۈزۈلمەي ئېتىلىپ چىقىپ ھاسىل قىلغان كۈچ - قۇدرەت ئېغىرلىق كۈچىنى يېڭىشكە يىتىدىكەن. ئەگەر ئۇنى كونترول قىلغاندا يەر يۈزىدىن خېلى ئېغىر نەرسىنىمۇ كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. دەل مۇشۇنداق نۇر دەستىسى ئۇلارنى مۇكەممەل ئۇچۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ يەر شارىدىكىلەر بىلىدىغان ئەڭ ئېغىر نەرسىدىنمۇ ئېغىر ھەربىي ئۇچار كېمىلەر بارسوم ئاسمىنىنىڭ شالاڭ ئاتمۇسفىراسىدا خۇددى يەر شارىنىڭ قۇيۇق ئاتمۇسفىراسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇيۇنچۇق شاردەك بىمالال ئۇچۇپ يۈرەلەيدىكەن.
ئەڭ دەسلەپ بۇ نۇر دەستىسى ئۈستىدە ئىزدىنۋاتقان مەزگىللەردە مارسلىقلار بۇ قۇدرەتلىك كۈچنى ھىساپلاش ۋە كونترول قىلىشنى ئىگەنلەشتىن بۇرۇن نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار بولۇپ ئۆتۈپتۇ. تەخمىنەن توققۇز يۈز يىل ئىلگىرى سەككىزىنچى نۇرنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلغان تۇنجى ھەربىي كېمە بارلىققا كەلگەندە نۇر دەستىسى زىيادە ئىشلىتىلگەنلىكتىن ئۇ بەش يۈز نەپەر ئەسكەرنى ئېلىپ خىرىئاندىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەپتۇ ھەم مارستىن ئون مىڭ ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى مارسنى مەڭگۈ ئايلىنىپ تۇرىدىغان كىچىك ھەمراھقا ئايلىنىپ قاپتۇ.
زودانگاغا بېرىپ تۆتىنچى كۈنى مەن تۇنجى قىتىم ئۇچتۇم. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئەتۋارلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم ھەم سەيىن كوسىسنىڭ ھۇزورىدىن تۇرالغۇغا ئېرىشتىم:
مەن شەھەر بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن كانتوس كاندەك نەچچە قىتىم ئايلىنىپ ئاندىن ماتورنى ئەڭ يوقىرى سۈرەتكە تەڭشەپ زودانگانىڭ بىر چوڭ سۇ يولىغا كىردىم ھەم جەنوپقا قاراپ پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئۇچتۇم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N