شۇنداق قىلىپ بىر سائەتتەك ۋاقىتتا تەخمىنەن ئىككى يۈز مىل ئۇچتۇم. بۇ چاغدا مەن پەستىكى يىراق بىر جايدا ئۈچ يىشىل تەنلىك رىتسارنىڭ تام بىلەن قورشالغان ئېتىزلىققا قاراپ يۈگرەۋاتقان بىر پاكارغا قاراپ چاپتۇرۇپ كىتۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. مەن ئايرۇپىلاننى بۇراپلا ئۇلارغا قاراپ ئۇچۇپ كەلدىم. يىشىل تەنلىكلەرنىڭ كەينىدىن يىتىپ بېرىپلا ئۇلارنىڭ قوغلاۋاتقىنى مەن تۇرۋاتقان بوشلۇقتىن رازۋىدكا قىلىش قىسمىنىڭ فورمىسىنى كىيگەن قىزىل تەنلىك ئىكەنلىكىنى ئىنىق كۆردۈم. ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئۇنىڭ ئايرۇپىلانى توختاقلىق ئىدى. ئايرۇپىلاننىڭ يېنىدىكى سايمانلاردىن ئۇنىڭ يىشىللار تەرپىدىن بايقالغاندا ئايرۇپىلان رىمونت قىلۋاتقانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى.
يېشىل تەنلىكلەر ئۇنىڭغا يىتىشۋالاي دەپ قالغان بولۇپ قولىدىكى قوپال مېتال باشلىق نەيزىسىنى ئالدىدىكى ئادەمگە قارىتىپ ئاتماقچى بولۋاتاتتى. مەن ئايرۇپىلان بىلەن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ بېرىپ يىشىل تەنلىكلەرگە يىتىشۋالدىم ۋە سۈرئىتىمنى ئاستىلاتماستىن ئايرۇپىلان بىشى بىلەن بىر رىتسارنىڭ مۈرىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا سوقتۇم. قاتتىق سوقۇلىشتىن ئۇ ئەبلەخنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بولۇپ گەۋدىسى يەرگە گۈپ قىلىپ يىقىلدى. قالغان ئىككى ئات چۆچىگىنىدىن بىشىنى بۇراپلا بەدەر تىكىۋىتىشتى. مەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ بىرنەچچىنى ئايلىنىپ قورقىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن زودانگالىقنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇ مېنىڭ دەل ۋاقتىدا كىلىپ قۇتۇلدۇرۋالغىنىمغا رەخمەت ئېيتتى ھەم كۆرسەتكەن خىزمىتىم ئۈچۈن مۇكاپاتلىندىغانلىقىمغا كاپالەت بەردى. مەن قۇتۇلدۇرۋالغان ئادەم دەل زودانگا خانىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ئىكەن. بىز ئارتۇق سۆزلەشمىدۇق. چۈنكى قالغان ئىككى يىشىل تەنلىك رىتسار ئۈركۈپ كەتكەن ئاتلىرىنى قايتىدىن كونترول قىلىپلا قوغلاپ كىلىدىغانلىقى ئايان ئىدى. بىز دەرھال بۇزۇلۇپ قالغان ئايرۇپىلاننىڭ يېنىغا كېلىپ بىرلىكتە پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن رىمونت قىلىشقا باشلىدۇق. ئايرۇپىلاننى رىمونت قىلىپ بولاي دىگەندە ھىلقى ئىككى رىتسارنىڭ قارىشى تەرەپتىن ئۇچقاندەك چىپىپ كىلۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلار بىزگە يىقىنلاپ يۈز يارد ئارلىق قالغاندا يەنە ئاتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالدى. ئاتلار ئۆلسىمۇ ئۆزلىرىنى قورقىتۋەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ يېنىغا بىر قەدەممۇ يىقىنلاشنى خالىمىسا كېرەك. رىتسارلار ئاخىرى ئاتتىن چۈشۈپ ئاتلىرىنىڭ پۇتىنى چۈشەپ قويۇپ شەمشىرىنى چىقىرىپ بىزگە قاراپ كەلدى. مەن بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىگىزەرەك بىرىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدۇم ھەم زودانگالىقنى يەنە بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئۇقتۇردۇم. مەن ھىچقانچە كۈچ سەرىپ قىلمايلا رەقىبىمنى جايلىۋەتتىم. يىشىل تەنلىكلەرگە قانداق زەربە بېرىش ماھارىتىگە مەن ئالىقاچان پىششىپ كەتكەنتىم. قايتىپ بېرىپ يېڭى تۇنۇشۇمنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ يارلىنىپ يەرگە يىقىلغان بولۇپ دۈشمەن يوغان تاپىنى بىلەن ئۇنىڭ بىشىنى دەسسەپ قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولۇپ تۇرۋاتقان ئىدى. مۇشۇنداق جىددى پەيتتە مەن بىر سەكرەپلا ئوتتۇرىمىزدىكى ئەللىك فوت ئارلىقنى بىراقلا بېسىپ بېرىپ ئاللىقاچان قىنىدىن سۇغۇرۋالغان شەمشىرىمنى رىتسارنىڭ گەۋدىسىگە زەرپ بىلەن سانجىدىم. ئۇنىڭ قىلىچى يەرگە چۈشۈپ ئۆزى يېڭى تۇنۇشۇمنىڭ ئۈستىگە يىقىلدى.
مەن بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدىم. ئۇ سەل ئارام ئىلۋالغاندىن كىيىن ئۆزى ئايرۇپىلاننى ھەيدەپ قايتالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پەقەت ئۆز ئايرۇپىلانىنىلا ھەيدەپ قايتالايتتى. چۈنكى يىنىك تىپتىكى ئايرۇپىلان بىرمۇ ئادەمنى ئارتۇق كۆتۈرەلمەيتتى. بىز ئايرۇپىلاننىڭ قالغان قىسمىنى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن رىمونت قىلىپ بولغاندىن كىيىن تېز سۈرئەتتە زودانگاغا قايتتۇق. ھىچقانداق ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىمىدۇق.
بىز شەھەرگە يېقىنلاشقاندىن كىيىن شەھەر ئالدىدىكى چىملىققا نۇرغۇن ئامما ۋە ھەربىي قىسىمدىن تەركىپ تاپقان زور قوشۇننىڭ يىغىلغانلىقىنى كۆردۇق. دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئايرۇپىلانلىرى، شەخسىلەرنىڭ ۋە ئاممىۋى ساياھەت ئايرۇپىلانلىرى ئۇزۇن كۈلرەڭ بەلباغ ھاسىل قىلغان بولۇپ رەڭگى - تۈرلۈك بايراقلار ئاسماننى توساپ تۇراتتى.
ھەمراھىم ماڭا سۈرئەتنى ئاستىلىتىشنى ئېيتتى. ئۇ ئايرۇپىلاننى ھەيدەپ ماڭا يانداش ئۇچتى ھەم يېقىن ئەتراپقا بېرىپ بۇ مۇراسىمنى كۆرۈپ بىقىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ پائالىيەت ئوفىتسىر - ئەسكەرلەرنىڭ شەخسى باتۇرلىقى ۋە باشقا جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ئۈچۈن بىلدۈرۈلگەن تەقدىرلەش مۇراسىمى ئىكەن. ئارقىدىن ئۇ بۇ ئايرۇپىلاننىڭ زودانگاغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان كىچىك بايراقنى چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىز بىرلىكتە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۋاتقان ئايرۇپىلان توپىدىن ئۆتۈپ زودانگا خانى ۋە ئۇنىڭ شىتاپ باشلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە كىلىپ توختىدۇق. ھەممە ئادەم قىزىل تەنلىكلەر كۆندۈرگەن بايتال ئاتلارنى مىنۋالغان بولۇپ، كىيىم - كېچەك ۋە ئۈستى - بېشىدا رەڭلىك قۇش پەيلىرى بار ئىكەن. مەن شۇ ھامان بۇ يەرگە يىغىلغان كىشىلەرنىڭ يەر شارىدىكى قىزىل ئىندىئانلارنىڭ بىر توپ ئۇسول ئەترىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
بىر شىتاپ باشلىقى سەيىن كوسىسقا ئىشرەت قىلىپ مېنىڭ ھەمراھىمنىڭ باش ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۆكۈمران تارتقۇچنى تارتىپ ئۇنى چۈشۈردى. ئىككىسى نامايىش ئەترىتى خاننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇنغا كىلىشىنى ساقلىغاچ ئالدىراش سۆزلىشىپ كەتتى. خان ۋە ئۇنىڭ شىتاپ باشلىقلىرى ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇشتى. مەن ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشكىنىنى ئاڭلىيالمىدىم. كەينىدىنلا ئۇلار سۆھبىتىنى توختاتتى. چۈنكى بۇ چاغدا قوشۇندىكى ھەممە ئادەم ھارۋىغا ئولتۇرۇپ خان ئۇدۇلىدىكى ئورۇنغا كىلىپ بولغان ئىدى.
شىتاپ باشلىقىدىن بىرى قوشۇنغا يېقىنلاپ بىر ئەسكەرنىڭ نامىنى چاقىردى ھەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىغا بۇيرۇق قىلدى. ئاندىن بۇ ئوفىتسىرنىڭ خان ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولغان باتۇرانە ئىش - ئىزلىرىنى تەپسىلى بايان قىلدى. خان ئالدىغا چىقىپ بىر دانە مېتال ئوردىننى شەرەپكە ئېرىشكەن ئەسكەرگە تاقاپ قويدى. كەينىدىن ئون نەپەر ئوفىتسىرنىڭ نامى چاقىرىلىپ ئوخشاش ئۇسول بىلەن ئوردىن بېرىلدى.
- جون كارتېر، بوشلۇقتىن رازۋىتكا قىلىش قىسمىنىڭ ئەزاسى.
مەن ئۈمرۈمدە بۇنچىلىك چۆچىمىگەن ئىدىم. ئەمما ھەربى بۇيرۇققا قەتئى بويسۇنۇش ئىرادەم بىلەن مەن ئايرۇپىلاننى يەرگە يىنىك قوندۇرۇپ باشقىلارغا ئوخشاش ئالدىغا چىقتىم ھەم ھىلقى ئوفىتسىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەدىمىمنى توختاتتىم. ئۇنىڭ مېنى چاقىرغا ئاۋازىنى مەيداندىكى يىغىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىيالايتتى.
- جون كارتېر، - دىدى ئۇ، - سېنىڭ خانىمىز سەيىن كوسىسنىڭ نەۋرە ئىنىسىنى قوغداش ھەم ئۆزەڭ يالغۇز ئىككى يىشىل تەنلىكنى يوقاتقانلىقىڭدەك ئادەتتىن تاشقىرى باتۇرلىقىڭنى تەقدىرلەش ئۈچۈن خانىمىز ئۆزىنىڭ مىننەتتارلىقىغا سىموۋىل قىلىنغان نەرسىنى ساڭا خۇشاللىق بىلەن تەقدىم قىلىدۇ .
ئارقىدىن سەيىن كوسىس مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئوردىننى تاقاپ قويدى ۋە:
- نەۋرە ئىنىم ماڭا سېنىڭ قانداق قىلىپ ۋەزىپىنى ئىنتايىن ياخشى ئورۇندىغانلىقىڭنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى، بۇ ھەقىقەتەن بىر مۈجىزە. سەن خاننىڭ بىر نەۋرە ئىنىسىنى مۇشۇنداق ياخشى مۇھاپىزەت قىلالىغان بولساڭ ئۇنداقتا خاننىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى مۇھاپىزەت قىلالايسەن، - دىدى ۋە ئۇلاپلا، - شۇڭا سەن مېنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتىمنىڭ قاراۋۇللىقىغا تەيىنلەندىڭ.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 42 43 44 45 46 47 48 49 50 51 52 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N