بۈگۈندىن باشلاپ خان ئوردىسىدا خىزمەت قىلىسەن، - دىدى.
مەن ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتتىم ھەم ئۇنىڭ بۇيرىقى بۇيىچە شىتاپ باشلىقلىرىنىڭ ئارسىغا بېرىپ قىتىلدىم. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن ئايرۇپىلاننى بوشلۇقتىن رازۋىتكا قىلىش قىسىم گازارمىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئورنىغا ئاپىرىپ توختىتىپ قويدۇم. خان سارىيىدىن بىر ئەسكەر مېنىڭ خان سارىيىنىڭ خۇجۇلۇق بۆلىمىگە بېرىپ ئۆزەمنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى يەتكۈزدى.
يىگىرمە ئىككىنچى باپ
دېكا تۇررېس بىلەن قايتا ئۇچرىشىش

ئوردا غۇجىدارى بۇيرۇق بۇيىچە مېنى خانغا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇردى. خان جەڭ ۋاقتىدا ئىنتايىن زور قەستىلەپ ئۆلتۈرۈلۈش خەۋىپى ئىچىدە تۇرىدىكەن. چۈنكى ئۇرۇشتا ھەممە ئادەم بارۋەر بولۇش پىرىنسىپى مارستىكى بارلىق زىدىيەتلىك ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ ماڭا ھەمراھ بولۇپ سەيىن كوسىس تۇرغان ئىچكىردىكى خانىغا قاراپ ماڭدى. خان ئوغلى سابۇ سەيىن ۋە بىرنەچچە يېقىن ۋەزىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشۋاتقان بولۇپ مېنىڭ كىرگىنىمگە دىققەت قىلمىدى.
ماڭا يول باشلىغۇچى ياندىكى بىر گىلەمنى قايرىپ ئاسما گىلەم بىلەن ئۆينىڭ تېمى ئارلىقىدىكى ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىر يولنى كۆرسەتتى. ئۇ ماڭا سەيىن كوسىس مۇشۇ ئۆيدە بار بولسىلا مۇشۇ يولنى ساقلايدىغانلىقىمنى ئېيتتى. خان ئايرىلغان ۋاقتتا مەن خانغا ئەگىشىپ ماڭىدىكەنمەن. مېنىڭ بىردىن بىر ۋەزىپەم خاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولۇپ، خاننىڭ يېنىغا قالايمىقان ئادەمنىڭ كىرىپ كېتىشىنى تۇسۇشۇم ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمكان قەدەر باشقىلار تەرپىدىن سىزىلمەسلىكىم شەرت ئىكەن. ئۇ تۆت سائەتتىن كىيىن بىرى مەن بىلەن ئالمىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بولۇپ كىتىپ قالدى.
ئاسما گىلەمنىڭ ئالاھىدە توقۇلۇش ئۇسولىدىن ئۇنىڭغا ياندىن قارىغاندا قېلىن، چىداملىق نەرسىدەك كۆرۈنەتتى. ئەمما گىلەمنىڭ كەينىدىن يەنى مەن يۇشۇرنۇپ تۇرۋاتقان جايدىن ئۆيدىكى بولۋاتقان ھەممە ئىشنى ئوپئۇچۇق كۆرگىلى بولىدىكەن. مەن ئەمدىلا مەسئولىيىتىمنى ئادا قىلىشنى باشلىشىمغا ئۆينىڭ قارىشى تەرپىدىكى بىر گىلەم قايرىلىپ تۆت نەپەر مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قاراۋۇللىرى بىر ئايالنى قوغدىغان ھالدا كىرىپ كەلدى. ئۇلار سەيىن كوسىسقا يىقىنلاشقاندىن كىيىن ئىككى تەرەپكە چىكىندى. خاننىڭ ئالدىدا، مېنىڭدىن ئون فوت يىراقلىقتىكى ئارلىقتا چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ دېكا تۇررېس تۇراتتى.
زودانگا شاھزادىسى سابو سەيىن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارىشى ئالدى ھەم ئىككىسى قول تۇتۇشقان ھالدا خاننىڭ ئالدىغا كەلدى. سەيىن كوسىس چۈچىگەندەك بىشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
- قانداق ئىش خىرىئان مەلىكىسىنى قىشىمغا باشلاپ كەلدىكىن؟ مەلىكە ئىككى كۈن ئاۋال مېنىڭ تەكلىپىمگە قارىشى چىقىپ ساكلارنىڭ خانى تەل خاجاس بىلەن توي قىلسام قىلىمەنكى سېنىڭ ئوغلۇڭغا تەگمەيمەن دىگەن ئەمەسمىدىڭىز؟ - دىدى.
دېكا تۇررېس قاتتىق كۈلۈپ كەتتى، ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرپىدە شوخ زىناق پەيدا بولدى.
- بارسومدا، قارارىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم ئەڭ چوڭ ھوقوقى بولۇپ كەلگەن. ئاياللار دائىم ھىسىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشتا ھەقىقى ماھىيىتىنى يۇشۇرىدۇ. سەن خۇددى ئوغلىڭنى ئەپۇ قىلغاندەك مېنىمۇ ئەپۇ قىلالايسەن. ئىككى كۈن ئىلگىرى مەن ئوغلىڭنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمدى مەن ئۇنىڭغا ئىشەندىم. سېنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىركى سۆزلىرىمنى ئۇنتۇپ كىتىشىڭنى سورايمەن. خىرىئان مەلىكىسى شۇنداق كاپالەت بېرىدىكى، ۋاقت تۇشقان ھامان ئۇ زودانگا شاھزادىسى سابو سەيىن بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
- مەن سىزنىڭ بۇنداق قارار چىقارغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن خۇشال، - دىدى سەيىن كوسىس، - خىرىئانغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش ھەرگىز مېنىڭ ئارزۇيۇم ئەمەس، سىزنىڭ ۋەدىڭىز ئارخىپقا ئېلىنىدۇ. مەن خەلققە ئومومىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىمەن.
- سەيىن كوسىس، - دىدى دېكا تۇررېس ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ، - ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئومومىي ئۇقتۇرۇش قىلغىن. ئەگەر ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسا خىرىئان مەلىكىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سېنىڭ ۋە مېنىڭ خەلقىمگە نىسبەتەن ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟
- ئۇرۇشنى ھازىرلا ئاخىرلاشتۇرغىلى بولماسمۇ؟ - دىدى سابو سەيىن.
- پەقەت سەيىن كوسىسنىڭ بىر ئېغىز گېپىلا تېنچلىق ئېلىپ كىلىدۇ، - دېدى ئەتراپتىكىلەردىن بىرى.
- بۇ سۆزنى ئېيتقىن دادا، مېنىڭ بەختلىك مىنۇتلىرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇ گەپنى قىلىپ قارىشى ئېلىنمايدىغان بۇنداق ماجىرانى ئاخىرلاشتۇرغىن.
- مەن ئويلىنىپ باقاي، - دىدى سەيىن كوسىس، - خىرىئانلىقلار تېنچلىقنى قانداق تاللايدىكىن. مەن ھىچ بولمىغاندا ئۇلارغا بىر قىتىم پۇرسەت بېرىمەن.
دېكا تۇررېس بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغاندىن كىيىن بۇرۇلۇپ ئۆيدىن ئايرىلدى. مۇھاپىزەتچىلەر ئاۋالقىدەكلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى.
مېنىڭ ئاددى ئەمما بەختلىك شېرىن چۈشۈم مانا مۇشۇنداق رىئاللىق ئالدىدا بەربات بولدى. مەن بەرگەن قۇربانلىقلىرىم ئۈچۈن ئۈكۈنمەيمەن، ئەمما نەچچە ئاي ئىلگىرىلا مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتقان قىز مانا مۇشۇنداقلا مېنى ئۇنتۇپ خۇشاللىق بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، زودانگا خاقانى سەيىن كوسىسنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولماقچى بولۋاتاتتى.
بۇ گەپلەرنى ئۆز قۇلقۇم بىلەن ئاڭلىغان بولساممۇ يەنىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. مەن تۇررېس تۇرۋاتقان يەرنى تىپىپ بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشنىنى تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلدىم. شۇندىلا بۇ ئىشقا ئىشىنەتتىم. شۇڭا ئۆز ئورنىمدىن ئايرىلىپ ئاسما گىلەمنىڭ كەينىدىكى يولدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈپ تۇررېس چىقىپ كەتكەن ئىشىككە قاراپ ماڭدىم. مەن ئىشىكنى ئېچىپ تەرەپ - تەرەپكە ئاچىلىنىپ تۇتىشىپ كەتكەن ئەگىرى - بۈگىرى بىر كارىدورغا چىقىپ قالدىم. مەن تېزلىكتە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كارىدورغا، ئاندىن يەنە بىرسىگە كىردىم. ئۇزاق ئۆتمەي يولدىن پۈتۈنلەي ئاداشتىم. مەن تامغا يۈلۈنۈپ دىمىمنى ئېلۋاتقاندا يېقىنلا يەردە بىرىنىڭ گەپ قىلۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ ئاۋاز مەن يۈلەنگەن تامنىڭ يەنە بىر تەرپىدىن كىلۋاتاتتى. زەڭ سېلىپ ئاڭلاپلا تۇررېسنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ نىمە داۋاتقانلىقىنى بىلەلمىسەممۇ ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىگى ھەرگىز خاتا ئەمەس ئىدى. نەچچە قەدەم مىڭىپلا ئالدىمدىكى كارىدورنىڭ بىشىدا يەنە بىر ئىشىك بارلىقىنى كۆردۈم. مەن ھىچنىمىدىن قورقمايلا ئالدىغا مېڭىپ ئىشىكنى ئىتىرىپ كىردىم. بۇ كىچىككىنە بىر ئۆي بولۇپ بۇ يەرنى بايقى تۆت نەپەر قاراۋۇل ساقلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى دەرھال ئالدىمغا كېلىپ نىمە ئىش بارلىقىنى سورىدى.
- مېنى سەيىن كوسىس ئەۋەتتى،- دىدىم جاۋاپ بېرىپ، - مەن خىرىئاننىڭ مەلىكىسى دېكا تۇررېس بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ باقماقچى.
- ئەمىسە پارولنى ئېيت، - دىدى بۇ ئەبلەخ يەنە.
مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىدىم. ئۆزەمنىڭ بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەر ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا چوڭ قەدەم تاشلاپ ئودۇلدىكى ئىشىككە قاراپ ماڭدىم. ئىچكىرىدىن دېكا تۇررېسنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەمما ئىچىگە كىرىشىم ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمىدى. قاراۋۇل ئالدىمغا كىلىپ توسىدى ۋە :
- سەيىن كوسىس ئەۋەتكەن ئادەمنىڭ پارولى بار ياكى يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلغانلىق ئىجازەتنامىسى بار.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 43 44 45 46 47 48 49 50 51 52 53 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N