ئەگەر ئۆتمەكچى بولساڭ چۇقۇم بىر پارولنى ئېيت، - دىدى.
- مەن كىرمەكچى بولغان ھەرقانداق يەرگە كىرەلەيدىغان بىردىن - بىر پارول ئاغىنە، مېنىڭ يېنىمدا ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ، - دىدىم مەن قۇلۇم بىلەن شەمشىرىمنىڭ سېپىغا ئۇرۇپ، - سەن مېنى ياخشىلىقچە كىرگۈزەمسەن ياكى؟
ئۇ جاۋاپ ئورنىغا قىلىچىنى سۇغۇرۇپ باشقا قاراۋۇللارنىمۇ چاقىردى. قالغانلىرىمۇ شەمشەرلىرىنى يالىڭاچلاپ تەڭلا يولۇمنى توسىدى.
- سەن سەيىن كوسىس ئەۋەتكەن ئادەم ئەمەس، - دەپ ۋارقىرىدى باشتىكىسى، - سەن ئىچىگە كىرەلمەيلا قالماستىن يەنە بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشۈڭ ئۈچۈن سېنى سەيىن كوسىسنىڭ يېنىغا ئاپىرىمىز. ئەڭ ياخشىسى قورالىڭنى يىغىشتۇر، سەن بىز تۆت ئادەمگە تەڭ كىلەلمەيسەن، - دىدى ئۇ سوغۇق كۈلۈپ.
مېنىڭ ئەمدىكى جاۋابىم شۇ بولدىكى، بىرلا قىلىچ ئۇرۇپ بۇ ئەبلەخنى جەھەننەمگە يولغا سىلۋەتتىم. ھازىر ئالدىمدا ئۈچ رەقب قالدى. بۇ ئۈچىسىگە شەمشىرىم بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يىتەتتى. ئۇلار دەرھال باستۇرۇپ كىلىپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى. مەن ئاستا - ئاستا تامنىڭ بىر بۇلۇڭىغا چىكىندىم. بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىتىمدا پەقەت بىرىلا ھۇجۇم قىلالايتتى. بىز مۇشۇنداق يىگىرمە نەچچە مىنۇت تىركەشتۇق. قىلىچنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن ئۆي لەرزىگە كەلدى. دېكا تۇررېس سىرتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ئىشىك ئالدىغا يىتىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە سولا بىلەن بىللە بۇ قىتىمقى ئېلىشىشنى باشتىن - ئاخىر كۆردى. چىرايى سۇلغۇن بولۇپ تەۋرەپمۇ قويمايتتى. بەدىنىم قىزىل رەڭدە بويالغان بولغاچقا ئۇلار ئىككىسىلا مېنى تۇنىيالمىدى.
ئاخىرى مەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىككىنچى قاراۋۇلنى جايلىۋەتتىم. ئەمدى ئىككىسى قالغان بولۇپ مەن تاكتىكامنى ئۆزگەرتىپ، بۇرۇن مېنى كۆپ قىتىم غەلبىگە ئېرىشتۈرگەن ئۇسول بۇيىچە تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارغا پۇرسەت بەرمىدىم. ئۈچۈنچىسى ئىكىنچىسىدىن كىيىن ئون سىكونتقا بارمايلا يەر چىشلىدى. ئاخىرقى بىرىمۇ قان ئىچىگە يېقىلىپ ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ماھارىتى خېلىلا ئۈستۈن بولۇپ مۇنەۋۋەر ئەزىمەتلەردىن ئىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىدىن سەل ئەپسۇسلاندىم. ئەمما، ئۇلار مېنىڭ ئۆتەر يولۇمنى يولسىزلىق بىلەن تۇسۇپ تۇرۋالدى - دە. شۇڭا ئامالسىزلىقتىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا مەجبور بولدۇم. ئەگەر مۇشۇنداق قىلغاندىلا دېكا تۇررېسنىڭ يېنىغا بارغىلى بولسا مەن پۈتكۈل بارسوملۇقلارنى قىرىپ تاشلىغان بولاتتىم.
مەن قان يوقى شەمشىرىمنى قېنىغا سالغاندىن كىيىن مارس مەلىكىسىگە قاراپ ماڭدىم. ئۇ ئۆز ئورنىدا جىمجىت قاراپ تۇراتتى. ماڭا قارىشىدىن مېنى قىلچىلىكمۇ تۇنىمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- سەن كىم؟ زودانگالىقمۇ؟ - دېدى ئۇ تۈۋەن ئاۋازدا، - يەنە بىر دۈشمەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلدىمۇ؟
- مەن دوستىڭىز، - دىدىم مەن، - ئىلگىرى سىز ئىنتايىن قەدىرلىگەن دوستىڭىز.
- خىرىئان مەلىكىسىنىڭ مۇنداق مېتال كىيىم كىيگەن بىرمۇ دوستى يوق، - دىدى ئۇ، - ئەمما بۇ ئاۋازنى مەن ئىلگىرى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن. بۇ ئەمەس، بۇ ...بۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئالىقاچان ئۆلگەن.
- ئەمما، مەلىكەم، مەن دەل شۇ جون كارتېرنىڭ ئۆزى بولىمەن، - دىدىم مەن، - سىز مېنى تۇنىيالمىدىڭىزمۇ؟ ئۇ پەقەت رەڭ بىلەن بۇيالغان، ئۇچىسىغا مېتال كىيىم كىيگەن ئادەم.
مەن ئۇنىڭغا يىقىنلاشقاندا ئۇ قولىنى چىقىرىپ كەينىگە چىكىندى. مەن ئۇنى قۇچاقلىغان ۋاقتىمدا تولغۇنۇپ ئازاپلانغىنىدىن قورۇلۇپ كەتتى.
- كېچىكتۇق، بەك كېچىكتۇق، - دىدى ئۇ زەئىپ ئاۋازدا، - مېنىڭ خۇجايىنىم، مەن سىزنى ئۆلدى دەپ ئويلاپتىمەن. ئازاراق بالدۇر كەلگەن بولسىڭىز... ئەمما ھازىر بەك كېچىكتۇق.
- نىمە داۋاتىسىز دېكا تۇررېس ؟- دىدىم مەن ۋاقىراپ، - ئەگەر مېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى بىلگەن بولسىڭىز زودانگا شاھزادىسىگە ئۆيلىنىشكە قوشۇلمىغان بولاتتىڭىزمۇ؟
- جون كارتېر، ئويلاپ بىقىڭ، مەن تۈنۈگۈن سىزنى چىن قەلبىمدىن سۈيۈپ بۈگۈن يەنە باشقا بىر ئەرنى سۈيەمدىم؟ مېنىڭ قەلبىم، مۇھەببىتىم سىز بىلەن بىللە كۈلگە ئايلىنىپ بىرلىكتە ۋارخۇن تۇپرىقىغا كۈمۈلۈپ كەتتى. شۇڭا بۈگۈن خەلقىمنى زودانگالىقلارنىڭ قورشاۋىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جىسمىمنى باشقا بىرىگە بېرىش قارارىغا كەلدىم.
- ئەمما مەن ھايات مەلىكەم. مەن سىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەلدىم. بارلىق زودانگالىقلارمۇ مېنى توسۇپ قالالمايدۇ. مەن سىزنى كۆپ ئىزلىدىم، سىز ئۈچۈنلا ھازىرغىچە باتۇرلۇق بىلەن ياشاپ كىلۋاتىمەن.
- كېچىكتۇق، جون كارتېر. مەن ئالىقاچان ۋەدە بەردىم. بارسومدا بۇ ئىشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. كىيىنچە ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مۇراسىمى پەقەت بىر شەكىل. مەن ھازىر توي قىلغان بىلەن ئوخشاش، جون. سىز مېنى يەنە مەلىكەم دەپ ئاتىيالمايسىز، شۇنداقلا سىز ئەمدى خۇجايىنىممۇ ئەمەس.
- مەن سىلەر بارسوملۇقلارنىڭ ئادىتىنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن، دېكا تۇررېس. ئەمما ئۆزەمنىڭ سىزنى سۈيىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ۋارخۇنلۇقلار بىزگە باستۇرۇپ كەلگەندە سىز ماڭا دىگەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىڭىز چىن يۈرىكىڭىزدىن ئېيتىلغان بولسا ھىچكىم سىزنى باشقىلارنىڭ مەھبۇبىسى بولۇشقا زورلاش ھوقوقى يوق. شۇ ۋاقتتا دىگەنلىرىڭىز چىن كۆڭلىڭىزدىن ئېيتىلغان، ئۇلار راست سۆزلەر، سىز تېخى قارارىڭىزنى ئۆزگەرتكىنىڭىز يوق. ماڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى راست دەڭ.
- شۇ ۋاقتتا دىگەنلىرىم ھەقىقى گەپلەر، جون، - دىدى ئۇ تۈۋەن ئاۋازدا، - ئەمما مەن ھازىر ئۇ گەپلەرنى قايتىدىن دىيەلمەيمەن. چۈنكى مەن ئالىقاچان باشقىلارغا رازىلىق بېرىپ بولدۇم. ئەگەر سىز بىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىمىزنى بۇرۇناراق بىلگەن بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، مەن خىرىئاننىڭ ۋەيران بولۇشىنى بىلسەممۇ ساكلىق خۇجايىنىم ئۈچۈن دۆلىتىمنى قايرىپ قويۇپ رازىلىق بەرگەن بولاتتىم.
كەينىدىن ئۇ يەنە يوقىرى ئاۋازدا:
- سىز شۇ كېچىسى مېنى قانچىلىك ئازاپلىغانلىقىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز؟ سىز مېنى ئۆزىڭىزنىڭ مەھبۇبىسى بولۇشقا تەلەپ قىلدىڭىز، ئەمما ماڭا توي قىلىش تەلىپىنى قويمىدىڭىز. يەنە ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ سىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم دىدىڭىز. سىز بىلمەيسىز، مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىم كېرەك، مەن ئەمدى چۈشەندىم. لېكىن، ھىچكىم مېنىڭ سىزگە ئېيتىشقا ئامالسىز ئىشنى بىلدۈرەلمەيدۇ. بارسومدا قىزىللارنىڭ ئىچىدە ئىككى خىل ئايال مەۋجۈت. بىر خىلى ئۈچۈن ئەرلەر جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ، بۇ ئۇلارغا توي قىلىش تەلىپى قويۇش ئۈچۈن. يەنە بىر تىپىدىكىلەر ئۈچۈن ئەرلەر كۈرەش قىلسىمۇ توي قىلىش تەكلىپى قويمايدۇ. ئەرلەر بىر ئايالنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقتىدا ئۇنى مەلىكەم دەپ چاقىرىشى مۇمكىن ياكى بىر قانچە خىل ئۇسول بىلەن ئاياللارنىڭ ئۆزىنى نىمە دەپ ئاتىشىنى تاللىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن. سىز ئىلگىرى مەن ئۈچۈن جەڭ قىلدىڭىز، ئەمما ماڭا توي قىلىش تەكلىپىنى قويمىدىڭىز. شۇڭا سىز مېنى مەلىكەم دەپ ئاتىغان ۋاقىتتا، - ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى، - مەن قاتتىق ئازاپلاندىم. چۈنكى سىز ماڭا توي قىلىش تەكلىپى قويمىدىڭىز، مېنىڭ ھىسىياتىمنى ئالدىدىڭىز.
- مەن سىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ساقلىيالمايمەن، دېكا تۇررېس، - دىدىم مەن ئاستا،- بىلىشىڭىز كېرەك، مېنىڭ خاتالىقىم دەل سىلەر بارسوملۇقلارنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولغان. تەلىپىمنىڭ چەكتىن ئىشىپ كىتىپ قارىشى ئېلىنمىغان ھەم شۇ ئارقىلىق قىلالمىغان ئىشنى ھازىر قىلدىم. دېكا تۇررېس، مەن سىزدىن مەن بىلەن توي قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 44 45 46 47 48 49 50 51 52 53 54 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N