شۇنداقلا مېنىڭ تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقان بارلىق ۋىرگىنىيەلىكنىڭ قېنى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز مېنىڭ ئايالىم بولىسىز.
- ياق، جون كارتېر. بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق، - دىدى ئۇ ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا، - سابو سەيىن ھاياتلا بولىدىكەن مەن ھەرگىز سىزنىڭ ئايالىڭىز بولالمايمەن.
- ئەگەر سىز سابو سەيىننىڭ ئۆلىشىنى خالىسىڭىز مەلىكەم، ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ.
- ئۇنداق دىگەنلىكمۇ ئەمەس، - دىدى ئۇ ئالدىرىماي ئايرىپ تۇرۇپ، - مەن ھەرگىز ئۆز ئېرىمنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە ياتلىق بولمايمەن. شۇنداقلا ئېرىم رەقىبىگە ھۇجۇم قىلىپ رەقىبى ئۆزىنى قوغداش جەريانىدا ئېرىمنى ئۆلتۈرۋەتكەن بولسىمۇ ياتلىق بولمايمەن. بۇ دىگەن قائىدە. بارسومدا كىشىلەر ئۆرۈپ - ئادەتنىڭ كونترول قىلىشىدا بولىدۇ. بونىڭغا ئامال يوق، دوستۇم.
- سىز مېنىڭ بىلەن بىللە ئازاپلىنىسىز. ھىچ بولمىغاندا ئىككىمىزدە مۇشۇنداق ئورتاقلىق مەۋجۇت. شۇنداقلا بۇ ساك شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن قىسقا كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى. ھازىر سىز چۇقۇم كىتىشىڭىز كېرەك ھەم بۇندىن كىيىن مېنى كۆرگىلى كەلمەڭ. خەير، مېنىڭ ئىلگىركى سەردارىم.
مەن ئىنتايىن ئازاپلانغان ھالدا ئۆيدىن قايتىپ چىقتىم. ئەمما ئۈمۈدىمنى پۈتۈنلەي يوقاتمىدىم. شۇنداقلا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى دېكا تۇررېسنى يوقىتىپ قويغىنىمغا ھەرگىز تەن بەرمەيمەن.
كارىدورنى بويلاپ كىتۋىتىپ مەن يەنە يولدىن ئىزىپ قالدىم. ماڭا ئايانكى، ئەمدىكى بىردىن بىر ئۈمۈد زودانگادىن كىتىش. چۈنكى تۆت نەپەر قاراۋۇلنى ئۆلتۈرۈش ئىشى چۇقۇم قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بىرەرسى يول باشلىمىسا مەن ئەسلىدىكى خان ئوردىسىدىكى ئورنۇمغا قايتىپمۇ بارالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ خان ئوردىسىدا تىمسىقلاپ يۈرگەنلىكىمنى كۆرسە چوقۇم گۇمانلىنىشى ئىنىق. مەن دەرھال بىنانىڭ ئاستىغا تۇتىشىدىغان ئايلانما يولغا كىرىپ پەسكە قاراپ نەچچە قەۋەت چۈشۈپ ئىچىدە بىرنەچچە مۇھاپىزەتچى بار ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدىم. ئۆينىڭ تېمىغا تارتىلغان گىلەم مېنى ئۇلارنىڭ بايقاپ قىلىشىدىن ساقلاپ تۇراتتى.
مۇھاپىزەتچىلەر ئادەتتىكى ئىشلارنى پاراڭلىشىپ تۇرغان بولۇپ بىر ئوفىتسىر كىلىپ ئۇلارنىڭ بېرىپ مەلىكە دېكا تۇررېسنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن ئالمىشىشىغا بۇيرۇق قىلدى. شۇ چاغدىلا ئاندىن مېنىڭ دىققىتىم مەركەزلەشتى. مەن ئۇچرىغان ئاۋارىچىلىق تېزلا يىتىپ كەلگەن ئىدى. تۆت نەپەر مۇھاپىزەتچى ئۆيدىن ئايرىلىپ ئۇزاق بولمايلا بىرى ئالدىراش - تېنەش كىرىپ تۆت نەپەر قاراۋۇلنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئۆلتۈرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
پۈتكۈل ئوردا ئىچى پاتپاراقچىلىققا تولدى. مۇھاپىزەتچىلەر، ئوفىتسىرلار، ۋەزىرلەر، مالايلار ۋە قۇللار ئوردا ئىچىدە ئۇياقتىن- بۇياققا يۈگۈرەپ قاتىلنى ئىزدەشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ماڭا كىچىك بىر پۇرسەت بولدى، مەن بۇنى قويۋەتمىدىم. بىر ئەسكەر مەن يۇشۇرنۇپ تۇرغان يەردىن يۈگۈرەپ ئۆتكەندە مەن ئۇنىڭ كەينىدىن بىللە يۈگۈرۈدۈم ھەم خان ئوردىسىدىكى سىرلىق كارىدوردىن ئۆتۈپ چوڭ بىر زالغا كەلگەندە دىرىزىدىن قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. مەن بۇ يەردە قىلىپ ياندىكى دىرىزىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سەكرەپ قىچىپ كىتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. دىرىزىنىڭ يەردىن ئىگىزلىكى ئالاھىزەل ئوتتۇز فوت بولۇپ ئەتراپتا يىگىرمە فوت ئىگىزلىكتە، بىر فوت قىلىنلىقتىكى يالتىراق ئەينەكتىن ياسالغان قورشاۋ تام بار ئىكەن. باشقا مارىسلىقلارغا نىسبەتەن بۇ تامدىن سەكرەپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ مەن ئۈچۈن ئاددىيلا بىر ئىش ھىساپلىناتتى. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەۋاتقىنىم كەچ كىرىشتىن ئىلگىرى بايقىلىپ قىلىش بولۇپ كۈپكۈندۈزدە، كوچىلار ئادەم بىلەن تولغان چاغدا قىچىپ كىتەلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن يۇشۇرنغىدەك جاي ئىزلەپ ئاخىرى پولدىن ئون فوت ئىگىزلىكتىكى تورۇسقا ئېسىقلىق تۇرغان زىننەت قاچىسىنىڭ ئىچىگە كىرۋىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. شۇڭا يىنىك بىر سەكرەپلا قاچا شەكىللىك كەڭ گۈل تەشتىكىنىڭ ئىچىگە چۈشتۈم. مەن ئەمدىلا گەۋدەمنى يۇشۇرۇپ تۇرۇشىمغا بىر نەچچە ئادەمنىڭ زالغا كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلار مەن يۇشۇرنۇپ تۇرغان قاچىنىڭ تىگىدە توختىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولاتتى.
- بۇ خىرىئانلىقلارنىڭ قىلغان ئىشى، - دىدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەر.
- شۇنداق خان ئالىيلىرى، ئەمما ئۇلار قانداق قىلىپ ئوردىغا كىرەلىگەندۇ؟ ئىشىنىمەنكى، مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلۋاتقاندا بىرى دۈشمەننى ئىچىگە كىرگۈزۋەتكەن. ئۆلگەن تۆت قاراۋۇلنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قاتتىق تەربىيە كۆرگەن، نۇرغۇن جەڭ سىناقلىرىنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەملەر. ماھارىتى خېلى يوقىرى بولغان بىر نەچچە ئادەم بىرلىكتە ھۇجۇم قىلمىسىلا ئۇلارنى يېڭىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئەمما چۈشەنمىگىنىم، ئالتىدىن سەككىزگىچە بولغان ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇروپپا ئادەمنىڭ ئوردىغا خۇپىيانە كىرگەنلىكىنى نىمە ئۈچۈن باشقىلار بايقىمىغان؟
- ئوردىنىڭ پىسخىلوگىيە خادىمى كىلۋاتىدۇ، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ھازىرلا بىلەلەيمىز.
بۇ چاغدا يەنە بىر ئەر بۇلارنىڭ يېنىغا يىتىپ كەلدى ھەم خانغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلغاندىن كىيىن دىدى:
- ھەممىدىن ئولۇغ خان ئالىيلىرى، مەن سىزنىڭ قازاغا ئۇچرىغان سادىق مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىڭىزنىڭ خاتىرىسىدىن مۇنداق غەلىتە ئىشنى بايقىدىم: ئۇلار بىر ھەربىي قىسىم تەرپىدىن ئەمەس، بەلكى يالغۇز بىر دۈشمەن تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ.
ئۇ ئۆز سۈزىنىڭ باشقىلارنىڭ كاللىسىدا قانداق داغدۇغا قوزغايدىغانلىقىنى ساقلاۋاتقاندەك سەل توختىدى. سەيىن كوسىس سۆزىدىن گۇمانلانغاندەك:
- نوتان، سەن ھىچقانداق ئاساسى يوق بۇ گەپنى قەيەردىن تىپىپ كەلدىڭ؟ - دەپ ۋاقىرىدى.
- بۇ راست خان ئالىيلىرى، - دىدى پىسخىلوگ، - ئەمىلىيەتتە ھەربىر قاراۋۇلنىڭ چوڭ مىڭىسىدە مۇشۇنداق خاتىرىلەر ساقلىنىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ رەقىبى ناھايىتى يوغان ئەر كىشى بولۇپ مۇھاپىزەتچى ئەسكەر كىيىمىنى كىيۋالغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېلىشىش ماھارىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى ماھارەت ۋە چىدامچانلىقىنى نامايەن قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپتۇ. گەرچە ئۇ زودانگانىڭ ھەربىي كىيىمىنى كىيۋالغان بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەتتە ياكى باشقا ھىچقانداق دۆلەتتە بۇنداق ئادەم ئەزەلدىن مەۋجۈت بولۇپ باقمىغان.
- مەن خىرىئان مەلىكىسىنىڭ چوڭ مىڭىسىنى ئاختۇرۇپ ھىچنىمىگە ئېرىشەلمىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ خاتىرىسىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئۇ ئېلىشىشىنى كۆرگەن چاغدا بىرلا مۇھاپىزەتچىنىڭ ھايات قالغانلىقىنى، ئېلىشۋاتقان ئادەمنى ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.
- ئىلگىرى مېنى قۇتۇلدۇرۋالغان ئادەم قەيەردە؟ - بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەبلەخ ۋارقىراپ كەتتى.
مەن ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يېشىل تەنلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۋالغان سەيىن كوسىسنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇدۇم.
- مەن ئاتا - بوۋامنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، - دىدى ئۇ داۋاملىق، - نوتاننىڭ داۋاتقانلىرى شۇ ئادەمنىڭ دەل ئۆزى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز شۇنچە كۆپ رەقىبنى مەغلۇپ قىلىش ئالاھىدىلىكى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
- بۇ ئادەم قەيەردە؟ - دەپ ۋاقىرىدى سەيىن كوسىس غەزەپ بىلەن، - دەرھال ئونى باشلاپ ئالدىمغا ئېلىپ كىلىڭلار. نەۋرە ئىنىم، سەن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ مەن زودانگادا ھەتتا بۈگۈنگىچە نىمىشكە ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان مۇشۇنداق بىر ھەربىنىڭ بارلىقىنى ئەمدى ئويلاپ يەتكەندىمەن.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N