جون كارتېر... جون كارتېر، بارسومدا كىم بۇنداق ئىسىمنى ئاڭلاپ بىقىپتۇ؟
ناھايىتى تېزلا مېنىڭ يوقلىقىم توغرۇلۇق خەۋەر كەلدى. ئۇلار خان ئوردىسىدىن تارتىپ مەن تۇرغان رازۋىتكا قىسىمىدىنمۇ ھىچقانداق خەۋەر ئالالماپتۇ. ئۇلار كانتوس كاندىن مەن توغرۇلۇق سورىغاندا ئۇ مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى بىلمەيدىغانلىقىنى، مەن توغرۇلۇق ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، پەقەت ۋارخۇن قەبىلىسىدە بىللە سولاقتا تۇرغانلىقىمىزنىلا ئېيتىپتۇ.
- كانتوس كان دىگەن بۇ ئەبلەخكىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىڭلار، - دىدى سەيىن كوسىس بۇيرۇق قىلىپ، - ئۇمۇ يات ئادەم، بەلكىم ھەر ئىككىسىلا خىرىئاندىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بىرى بار يەردە چوقۇم يەنە بىرى پەيدا بولىدۇ. بوشلۇقتىن چارلاشنى تۆت ھەسسە كۈچەيتىڭلار، ھاۋا بوشلۇقىدىن ياكى قۇرۇقلۇق يولىدىن ئايرىلغان ھەرقانداق ئادەمنى قاتتىن كۆزۈتىڭلار. ھىچكىم سىرتقا قىچىپ كەتمىسۇن.
يەنە بىر قاراۋۇل كىلىپ مېنىڭ تېخى خان ئوردىسىدىن ئايرىلمىغانلىقىمنى يەتكۈزدى.
- بۈگۈن ئوردىغا كىرىپ - چىققان ھەممە ئادەمنىڭ تەقى - تۇرقى تەپسىلى تەكشۈرۈلگەن، - دىدى بۇ ئادەم يەكۈن چىقىرىپ ، - ئۇ كىرگەندە قالدۇرۇلغان خاتىرىگە ئاساسلانغاندا باشقا كىشىلەرنىڭ تەقى - تۇرقى يېڭىدىن كەلگەن بۇ مۇھاپىزەتچىگە ئوخشىمايدىكەن.
- ئۇنداقتا بىز ناھايىتى تېزلا ئۇنى تۇتالايمىز، - دىدى سەيىن كوسىس رازىمەنلىك بىلەن، - شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز خىرىئان مەلىكىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ بۇ ئىشنى سۆزلىشىپ باقايلى. نوتان، بەلكىم ئۇ ساڭا دىيىشنى خالىمىغان بەزى ئىشلار بولۇشى مۇمكىن. بۇياققا كەل.
ئۇلار زالدىن چىقىپ كەتتى. سىرت ئالىقاچان قارايغان بولۇپ مەن يۇشۇرنغان جايىمدىن ئەپچىللىك بىلەن چىقىپ تىزلىك بىلەن بالكونغا ئۆزەمنى ئاتتىم. پەستە ئادەم ناھايىتى شالاڭ ئىكەن. مەن ئادەم يوق بىر پەيتنى تاللاپ ئەينەك قورشاۋ تامنىڭ ئۈستىگە سەكرىدىم ھەم ئۇ يەردىن يەنە بىر سەكرەپ ئۆتۈپ خان ئوردىسىدىن چوڭ يولغا چىقتىم.
يىگىرمە ئۈچۈنچى باپ
بوشلۇقتا ئادىشىپ قىلىش

مەن يۇشۇرۇنچە ئالغا ئىلگىرلەپ تۇرالغۇمنىڭ يېنىغا يىتىپ كەلدىم. بۇ يەردىن كانتوس كاننى تىپىش مۇمكىن ئىدى. مەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىناغا يىقىنلاشتىم. چۈنكى بۇ يەردە چوقۇم قاراۋۇل بار ئىدى. ئويلىغىنىمدەك بىر نەچچە مېتال كىيىملىك ئادەم ئالدى ۋە ئارقا دەرۋازا ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. ئۇلارغا سەزدۈرمەي بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىشتىكى بىردىن بىر ئامالىم خوشنا بىنانى كېسىپ ئۆتۈش بولۇپ، كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغاندىن كىيىن بىر نەچچە ئىشىك بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان بىر ماگىزىننىڭ ئۆگزىسىگە چىقتىم. بۇ يەردىن يەنە بىر سەكرەپ خىرىئانلىقنى تىپىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقتىم ۋە تېزلا ئۇ تۇرۋاتقان ئۆينىڭ دىرىزىسىگە يىقىنلىشىپ ئۆيگە ئۈمۈلەپ كىردىم. ئۇ يالغۇز بولۇپ مېنىڭ كەلگەنلىكىمدىن چۈچۈپمۇ كەتمىدى. ئۇ مېنىڭ بالدۇر كىلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قىياپىتىدىن بۈگۈن خان ئوردىسىدا بولغان ئىشتىن بىخەۋەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. مەن بولغان ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتقىنىمدا ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. دېكا تۇررېسنىڭ سابو سەيىنگە ياتلىق بولماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق مەيۈسلەندى.
- بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس، - دىدى ئۇ ۋارقىراپ، - ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، پۈتكۈل خىرىئاندا كىملا بولىشىدىن قەتئىنەزەر، جان چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ مەلىكىنى زودانگا خان جەمەتىگە سېتۋىتىشكە رازىلىق بەرمەيدۇ. مۇشۇنداق شەرمەندىلەرچە سودىغا ماقۇل بولغان بولسا ئۇ ئېلىشىپ قالاي دەپتۇ. خىرىئان خەلقىنىڭ ئوردا ئەزالىرىنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمىزنى سىز بىلمەيسىز. بۇ توي ئۈچۈن خىرىئاننىڭ لەرزىگە كىلىپ تەۋرەپ كىتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.
- جون كارتېر، بىز ئەمدى نىمە قىلساق بولىدۇ؟ - دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سەن چۇقۇم ئامال تاپالايسەن. ئامال تاپالمىساڭ خىرىئان چەكسىز خورلۇق ئىچىدە قالىدۇ.
- ئەگەر مەن شەمشىرىم بىلەن سابو سەيىننى ئۆلتۈرۈپ تاشلىيالىسام، - دىدىم مەن جاۋاپ ئورنىغا، - ئۇچاغدا خىرىئان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان بولىمەن. ئەمما شەخسى سەۋەپ تۈپەيلى باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئورنۇمدا بۇ ئىشنى ئورۇنلاپ دېكا تۇررېسنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
كانتوس كان كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ماڭا تىكىلدى ۋە قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە:
- سەن ئۇنى سۆيىسەن، شۇندقمۇ؟ ئۇ بۇنى بىلەمدۇ ؟ - دەۋەتتى.
- ئۇ بىلىدۇ، كانتوس كان، پەقەت سابۇ سەيىنگە رازىلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا مېنى رەت قىلدى.
بۇ ئەزىمەت سەكرەپ كەتتى. مېنىڭ مۇرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەردانە قىياپەتتە:
- ماڭا تاللاش پۇرسىتى بولسا بارسومنىڭ بىرىنچى مەلىكىسىگە سېنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق ئادەمنى تاپالمىغان بولاتتىم. مەن قولۇمنى سېنىڭ مۈرەڭگە قويۇپ تۇرۇپ قەسەم بېرىمەنكى، خىرىئان ئۈچۈن، دېكا تۇررېس ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن سەبۇ سەيىن مېنىڭ قىلىچىمدا ئۆلىدۇ. مەن بۈگۈن كېچىلا ئۇنىڭ خان ئوردىسىدىكى تۇرالغۇسىغا ئامال قىلىپ كىرىمەن.
- سەن قانداق كىرمەكچى؟ - دىدىم مەن، - خىللانغان قوشۇن ئۇ يەرنى ساقلاۋاتىدۇ. تۆت ھەسسە كۈچەيتىلگەن چارلاش ئەترىتى ھاۋادىن چارلاش ئېلىپ بېرۋاتىدۇ.
ئۇ بېشىنى تۈۋەن سىلىپ بىردەم ئويلاندى. ئارقىدىن ئۆزىگە ئىشەنگەن قىياپەتتە بىشىنى كۆتۈردى.
- مەن پەقەت ئولارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلىسەملا بولاتتى. قالغىنىغا ئامالىم بار،- دىدى ئۇ ۋە قوشۇپ قويدى، - مەن بۇ يەردىكى ئەڭ ئېگىز مۇنارنىڭ چوققىسىدىن خان ئوردىسىغا كىرگىلى بولىدىغان بىر مەخپى يولنى بىلمەن. بىر كۈنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاۋىتىپ خان ئوردىسىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقاندا ئۇ يەرگە ئەپچىللىك بىلەن يىقىنلىشىپ ئۆتتۈم. ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقاندا قائىدە بۇيىچە يولۇققان غەيرى ئەھۋالنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كېرەك. مۇنار چوققىسىدىن خان ئوردىسىنىڭ ئورنىنى كۈزۈتۈش ماڭا نىسبەتەن ئادەتىكى بىر ئىش. شۇڭا مەن يىقىنلىشىپ كۈزۈتۈش نۇقتىسىدا بىر ئادەمنىڭ تۇرۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ دەل سابۇ سەيىن ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇ يەردىن خان ئوردىسىغا بارغىلى بولىدىغان سىرلىق ئاسما يول بار ئىكەن. ئۇ بۇ سىرنىڭ باشقىلار تەرپىدىن بايقىلىپ قالغانلىقىدىن سەل ئاچچىقلاندى. ماڭا بۇ ئىشنى باشقىلارغا ئېيتماسلىققا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ بۇ يولنىڭ مۇنار چوققىسىدىن بىۋاستە ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى، بۇنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئەگەر گازارمىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقالىساق ئايرۇپىلاننى ھەيدەپ بەش مىنۇتقىچە سابۇ سەيىن تۇرۋاتقان ئۆيگە يىتىپ باغىلى بولىدۇ. شۇنىسى سەن ئېيتقاندەك بۇنداق كۆپ قاراۋۇللار كۈزىتىۋاتقان بىنادىن قانداق چىقىپ كىتەلەيمىز.
- ئايرۇپىلان ئىسكىلاتىدىكى قاراۋۇلنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ - سورىدىم مەن.
- ئادەتتە كېچىدە پەقەت بىرلا ئادەم پوستا تۇرىدۇ.
- بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقايلى، كانتوس، مەن ئۇ يەردە سېنى ساقلايمەن.
پىلانىمنى چۈشەندۈرۈشكە ۋاقىت قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئەسلىدىكى يول بىلەن كوچىغا چىقىپ گازارما تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. مەن بوشلۇقتىن رازۋىتكا قىلىش ئەسكەرلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئۆيگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم. چۈنكى ئۇلارمۇ باشقا ھەمما ئادەمگە ئوخشاشلا مېنى تۇتۇشقا ھەرۋاقىت تەييار ئىدى. بۇ غايەت زور بىر بىنا ئۆي بولۇپ، بىنانىڭ ئۇچى مىڭ فوتتەك ئىگىزلەپ ئاسمان قەھرىگە كىرىپ كەتكەنتى.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 46 47 48 49 50 51 52 53 54 55 56 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N